ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي خادىمى خىتاينى مەخپىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئىستىخبارات ئانالىزچىسى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سىستېمىسى، ھەربىي تاكتىكىسى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتايغا تەمىنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك رۇخسىتىگە ئىگە ھەربىي خادىمى كوربېن شۇلتىز بۇ يىل 3-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ 13-ئاۋغۇست خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا شۇلتىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ۋە ئاشكارىلاش، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقا دۆلەتكە رۇخسەتسىز تەمىنلەش، خادىملارغا پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇلتىز خوڭكوڭدا ياشايدىغان، خىتاي رېجىمى بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر كىشىگە ئامېرىكىنىڭ ئون نەچچە سەزگۈر ھەربىي ھۆججىتىنى سېتىپ بەرگەن. مەزكۇر ھەربىي ھۆججەتلەر ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، تەيۋەننى قوغداش، كورىيە ۋە فىلىپپىندىكى ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق مەسىلىلەرگە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك ھەربىي سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا بېكىتىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي خادىم نەچچە ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى، خۇسۇسەن ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە شەخسلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، جاسۇسلۇق تورى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغىچە تۇتاشقان.

بۇ خەۋەر 2394 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2024 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق