تۈركىيەدە 7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپادا 5-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.
12-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا 7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىم ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
كوماندا ئەزالىرىنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىدىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تەبرىكلىرىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مۇسابىقىگە جەمئىي 12 كوماندا تىزىملاتقان بولۇپ، تۇنجى كۈنى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەن ئۇيغۇرلار قىزغىن ئالقىشلىرى بىلەن ماھىرلارغا مەدەت بەردى. بۇ قېتىملىق «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 24-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئۇندىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، بۇ يىل 5-قېتىمغا قەدەم قويغان «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 11-ئاۋغۇست بېلگىيەدە باشلاندى. باشلىنىش مۇراسىمىدا كوماندىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىستىقلال مارشى ئوقۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلدى.
5-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي سەككىز دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوماندىلىرى قاتناشقان بولۇپ، 16-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.
پۇتبول ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەريىلى تۈرلۈك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، قېرىنداشلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، جەڭگىۋار، باش ئەگمەس خىسلىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.