فىلىپپىن خىتاينىڭ زومىگەرلىك قىلمىشىغا دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 13-ئاۋغۇست خىتايغا دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سىكاربورو ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا خەتەرلىك تەرىقىدە يېقىنلاشقانلىقى ۋە يورۇتۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتىدا، 8-ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تالاش-تارتىشلىق سىكاربورو ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە فىلىپپىن تەرەپنىڭ چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئايروپىلانىغا دۈشمەنلەرچە ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى، كەم دېگەندە سەككىز تال يورۇتۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «تەھدىت سېلىش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردا ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناد ماركوسمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنىڭ يولسىزلىق، قانۇنسىزلىق ۋە ئەقىلسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فىلىپپىن تەرەپ يەنە خىتاينىڭ بۇ زومىگەرلىك ھەرىكىتىگە قارىماي، دېڭىز رايونىدىكى چارلاش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي بولسا بۇرۇنقىدەكلا قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ، فىلىپپىن ئايروپىلانىنىڭ خىتاي تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى زومىگەرلىكى ھەرىكەتلىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خۇسۇسەن فىلىپپىن قىسىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۈركىلىش يۈز بەرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 2268 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2024 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق