خىتاينىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرى نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئاجىز كەلمەكتە

خىتاي نۆۋەتتە نوپۇس ئازىيىش ۋە قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ئىبارەت قوش كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي چېكىنىش قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توي قىلغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلەپ ماڭغان.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2-ئاۋغۇست 2024-يىللىق 2-پەسىللىك  سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا خىتايدا ئۈچ مىليون 430 مىڭ كىشى توي قىلىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئازايغان. 2019-يىلىدىن باشلاپ خىتايدا توي قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئۇدا بەش يىل تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ يىل خىتايدا توي قىلغۇچىلارنىڭ سانى 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئاز بىر يىل بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاي رېجىمى نوپۇس كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پەرزەنت سانى چەكلىمىسىنى بىردىن ئۈچكە چىقارغانىدى. شۇنداقلا بالدۇر توي قىلىشقا، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بالدۇر توي قىلغانلارنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش، تۇغۇت تولۇقلىما پۇلى بېرىش، تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانىدى. بۇ تەدبىرلەر خىتايدىكى نوپۇس تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2021-يىلى  ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس يوقىتىش جىنايىتى نەتىجىسىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 2085 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2024 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق