خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق خىتايدىكى توك قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قومۇل ـ چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇلىغا بېتون قۇيۇشنىڭ %100 تاماملانغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلىكىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ سىمنى تارتىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قومۇل-چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى»دا بېكىتىلگەن 102 تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈشتىكى 3-تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش قومۇلدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىدا ئاخىرلىشىدىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2290 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 28 مىليارد 600 مىليون يۈەن ھەرىكەتچان مەبلەغ سېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 327 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، تېز سۈرئەت ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا.