ئامېرىكا 8-ئاۋغۇست يەنە بەش خىتاي شىركىتىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
مەزكۇر شىركەتلەر قاتارىدىن مەركىزى خوڭكوڭدا بولغان سىيرەك توپا ماگنىي تېخنىكا گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ باش شىركىتى ئەسىر قۇياش نۇرى گۇرۇھى ماگنىيلىق ئوغۇت ۋە ماگنىي قېتىشمىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. قالغان ئۈچ شىركەت بولسا زىجىن كانچىلىق گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان، رەڭلىك مېتال قازىدىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» قابا ناھىيەسى ئاشىلى مىسچىلىق چەكلىك شىركىتى، قەشقەر بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە قۇمۇلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» تېڭشياڭ ماگنىي مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى ئىكەن.
مەزكۇر شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى، مىنىستىرلىقلار ئارا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي ئىجرا ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى روبېرت سىلۋېرس دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بۈگۈنكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىغا كىرىشىگە يول قويماسلىققا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدۇق. شىركەتلەر چوقۇم تەكشۈرۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولۇشى بولۇشى كېرەك» دېدى.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزالىشى بىلەن 2022-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. چەكلىمە تىزىملىكى ھازىرغا قەدەر 70 نەچچە تۈرلۈك مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.