خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يۇمشاق كۈچىنى داۋاملىق زورايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇ ئايدىن باشلاپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 175 خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىكەن.
سەئۇدى گېزىتىنىڭ 7-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستان مائارىپ مىنىستىرلىقى پادىشاھلىقتىكى بارلىق خۇسۇسىي ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدە 175 نەپەر خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىكەن. كېلىشىمگە ئاساسەن جەمئىي 800 نەپەر خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىلىدىكەن.
مەزكۇر پىروگراممىنى تەشكىللەشكە باش مەسئۇل بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەتۋىر شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى يەقىن تالال ئا. جەبرىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدىغان تۇنجى گۇرۇپپا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالدىن تەربىيەلەش باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنىڭ بىر ئىپادىسى» دېگەن.
يېقىنقى يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان زىيارەتلەر دىققەت تارتىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان 2019-يىلى ئاسىيا زىيارىتىدە خىتايغا بارغان بولۇپ، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مۇناسىۋەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
خىتاي يىللاردىن بېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كۇڭزى ئىنستىتۇتى، خىتاي تىلى مەركىزى قاتارلىق ناملاردا سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، نامدا خىتاي تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى تارقىتىش، يۇمشاق كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقاشقا، سانىنى ئازايتىشقا باشلىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ