بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئامېرىكىدا دېموكراتچى قىياپىتىدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ جىنايىتى رەسمىي بېكىتىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نيۇيوركتىكى بىر فېدېراتىپ زاسېداتېللار ئۆمىكى ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاي تەتقىقاتچى ۋاڭ شۇجۈننىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى دېموكراتچى قىياپىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى خىتاي رېجىمىغا تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى، جاسۇسلۇق جىنايىتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
73 ياشلىق ۋاڭ شۇجۈن بۇرۇن خىتايدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، 1994-يىلى نىيۇيوركقا كۆچۈپ بارغان ۋە كېيىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. 2022-يىلى 16-مارتتا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان.
خىتاي تەتقىقاتچى ۋاڭ شۇجۈن يىللاردىن بېرى ئامېرىكىدا بىر دېموكراتچى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى نيۇيوركتا «خۇ ياۋباڭ جاۋ زىياڭ خاتىرە فوندى»نىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان ۋە بىر مەزگىل مەزكۇر فوندنىڭ باش كاتىپى بولغان.
تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ شۇجۈن ئېلخەت ساندۇقىغا كۈندىلىك خاتىرە تەرىقىسىدە خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆھبەتلىرىنى، يىغىنلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭغان. ئەمما ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئېلخەتلەرنى ھېچكىمگە ئەۋەتمىگەن. خىتاي خادىملىرى بولسا ئورتاقلاشقان شىفىر ئۇنىڭ ئېلخەت ساندۇقىنى ئارقىلىق ئېچىپ، ساقلانغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 7-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى دەۋا قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم