خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى يېڭى قائىدە-نىزام چىقىرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىنى توپلاشقا باشلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاۋغۇست بىر نەچچە مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئۆزەك ئېكسپورت قىلىشنى تېخىمۇ چەكلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، خۇاۋېي، بەيدۇ قاتارلىق خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان باشقا شىركەتلەر سامسۇڭ شىركىتىدىن ئىلغار ئىچكى ساقلىغۇچ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى توپلاشقا باشلىغان.
مەنبەلەردىن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ سۈنئىي ئىدراك يېرىم ئۆتكۈزگۈچى سېتىۋېلىشنى كۆپەيتكەن بولۇپ، سامسۇڭنىڭ 2024-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى يۇقىرى كەڭ بەلباغلىق ئىچكى ساقلىغۇچ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %30 ى خىتايدىن كەلگەن.
بۇ ھەرىكەتلەر ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا جىددىيچىلىكى كۈچەيگەن مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن داۋاملىق تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ يەنە مەزكۇر جىددىيچىلىكنىڭ دۇنيا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 8-ئايدا بىر ئېكسپورت كونترول پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان. بۇ پىلان بويىچە بولغاندا، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە يوللىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا يېڭى چەكلىمە قويۇلىدىكەن. ئەمما ياپونىيە، گوللاندىيە ۋە كورىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن ئېكسپورت قىلىنغان ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بۇ چەكلىمىنىڭ سىرتىدا قالىدىكەن. مەنبەلەر يەنە يېڭى نىزامدا يۇقىرى كەڭ بەلباغلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئۆلچەملەرنىڭ تەپسىلىي بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئەمما بىر باياناتىدا ئۇلار توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان تەھدىت مۇھىتىنى باھالاۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تېخنىكا ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئېكسپورت كونترول تەدبىرلىرىنى يېڭىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە خىتاينىڭ قايسى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ياكى ئىلغار چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ھازىرغىچە پەقەت ئۈچ چوڭ شىركەتلا يۇقىرى كەڭ بەلباغلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، ئۇلار كورىيەنىڭ سامسۇڭ ۋە SK Hynix شىركەتلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مىكرون تېخنولوگىيە شىركىتى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ