پاكىستان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىپ، زور مىقداردا قەرزگە بوغۇلغان پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاۋغۇست پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف: «پاكىستان 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ» دېگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلى 8-ئايغىچە خىتاي بىلەن ئۆزئارا ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈپ قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار بولسا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گىرۇزىيە ، قازاقىستان، قاتار، مالدىۋې ئاراللىرى تايلاند، سىنگاپور، ئەرمېنىيە؛ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئالبانىيە، بېلارۇسىيە، بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە، سان-مارىنو؛ شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، باربادوس، باھاما، دومىنىكا، گىرېنادا قاتارلىقلار ئىكەن.

خىتاي پۇقرالىرىغا بىر تەرەپلىمە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرگە خىتاي پۇقرالىرى ۋىزىسىز كىرەلەيدىكەن. بۇ دۆلەتلەر ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئومان، كورىيەنىڭ جېجۇ ئارىلى، ئۆزبېكىستان، ئىران، ۋىيېتنام، مالايشىيا، گابون، ماراكەش، موزامبىك، تۇنىس، زامبىيە، ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2153 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2024 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق