بېنگال باش مىنىستىرى دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىپ قېچىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ ، بىر يول» سودا پىلانىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېنگال باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنا 5-ئاۋغۇست كۈتۈلمىگەن تەرىقىدە ئىستېپا بەرگەن ۋە ھىندىستانغا قاچقان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ۋاكەر ئۇز زامان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىدا تەخمىنەن 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
15 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇۋاتقان ھەسىنانىڭ ئىستېپا بېرىپ دۆلەتتىن قېچىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بىر قاتار ۋەقەلەر بار بولۇپ، دەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ۋەزىپە تەقسىملەش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان كەڭ كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدىن باشلانغان. دەسلەپتىكى تىنچ نامايىش تېزلا كونتروللۇقتىن چىقىپ، نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشى كېلىپ چىققان. بېنگال ھۆكۈمىتى 23-ئىيۇل خىزمەت تەقسىملەش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، توقۇنۇشتا ئاللىبۇرۇن نەچچە يۈز پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك، كېچىكىپ چىقىرىلغان بۇ قارار ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېنگال سىياسىي سەھنىسىدىكى بۇ زور ئۆزگىرىش خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بېنگال باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنا تېخى ئۆتكەن ئايدىلا خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاي بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 28 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. بۇ زىيارەت جەرياندا خىتاي بىلەن بېنگال ھۆكۈمىتى يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
ھەسىنا ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بېنگال خىتاي بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ساقلاپ، كۆپ مىقداردىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە تەرەققىيات تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىدىن مەنپەئەتلەنگەن. بۇ تۈرلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بېنگالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. ئەمما نۆۋەتتىكى سىياسىي مالىمانچىلىق ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئۆزگىرىشى بېنگالدىكى خىتاي مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ كېلەچىكىنى نائېنىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
مۇتەخەسسىسلەر يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كېلىشىملەرنى قايتا باھالاپ، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بېنگالنىڭ ئىقتىسادىي كېلەچىكىگە ھەم خەۋپ-خەتەر، ھەم پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى بولسا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ