بۇ يىل 15 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي باينىڭ چەت ئەلگە قاچىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتايدىن قاچقان بايلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل چەت ئەلگە قاچىدىغان خىتاي بايلىرىنىڭ 15 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي بايلىرىنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ كېتىش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش كۆچمەنلەرگە مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە خوڭكوڭدىن 10 مىڭغا يېقىن باي كۆچۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سانى قانۇن تۈزىتىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 4.6 ھەسسە كۆپەيگەن. خىتايدا بولسا بۇ يىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە 15200 باي خىتايدىن كۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئالاھىدە بايلار بىر مىليون دوللار ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كۆچمە مۈلۈككە ئىگە كىشىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش كۆچمەنلەرگە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Henley & Partners نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 600 نەپەر، 2018-يىلى 400 نەپەر مىليونېرنىڭ خوڭكوڭدىن كۆچۈپ كەتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئەمما «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»غا قارشى ھەرىكەت پارتلىغان 2019-يىلى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، 4500 مىليونېر چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە 1900 مىليونېر خوڭكوڭدىن ئايرىلغان بولسا، 2022-يىلىغا كەلگەندە ئەھۋال داۋاملىق ئېغىرلىشىپ، يەنە 2400 مىليونېر كۆچۈپ كەتكەن. بۇلتۇر خوڭكوڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، كۆچۈپ كەتكەن بايلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئازىيىپ 500 گە چۈشكەن. خۇلاسىلىگەندە ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە جەمئىي 9300 باي كۆچۈپ كەتكەن.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر ئوخشاشلا خىتايدىكى بايلارنىڭ قېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن بولۇپ، مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتايدىن 25 مىڭغا يېقىن باي چەت ئەلگە قاچقان ۋە بۇ يىل يەنە 15200 باينىڭ چەت ئەلگە قاچىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2024 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق