گېرمانىيە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىتايغا قارشى ھەمكارلىققا قوشۇلماقتا

گېرمانىيە فىلىپپىن بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كورىيەدە تۇرۇشلۇق ب د ت ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قوشۇلۇش ئارقىلىق، ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 4-ئاۋغۇست بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىل مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ھەربىي كۈچ بىلەن تەھدىت سېلىش، جەنۇبىي دېڭىزدا بىر تەرەپلىمە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قائىدە-نىزامغا ئاساسلانغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغداشقا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىيۇس 4-ئاۋغۇست فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار ئارمىيەلەر ئارىسىدىكى تەربىيەلەش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىشكە، قورال-ياراغ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەشكە ۋەدە بېرىشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم فىلىپپىننى زىيارەت قىلىشى ئىكەن. فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى تېئودورو فىلىپپىن ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك گېرمانىيە بىلەن كېڭىشىپ، گېرمانىيەنىڭ فىلىپپىننىڭ تاشقى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىكى تەمىنلىگۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تېئودورو بىلەن پىستورىيۇسنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش، تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، دېڭىز رايونىدىكى چەكلەش، ھاۋا بوشلۇقى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي مابەينىدە جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت كۈچىيىپ، كۆپلىگەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 6-ئايدا خىتاي دېڭىز ساقچى پاراخوتى فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيە كېمىسىگە سوقۇلۇپ، فىلىپپىن دېڭىز خادىملىرىنى يارىلاندۇرغان. بۇ قېتىمقى ئېغىر توقۇنۇشتىن كېيىن، فىلىپپىن بىلەن خىتاي 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋەزىيەت مەلۇم دەرىجىدە يۇمشىغان. بىراق فىلىپپىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە داۋاملىق ئىزدەنگەن.

بۇلاردىن سىرت، گېرمانىيە 2-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق قوماندانلىق ئىشتابىغا قوشۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 18-ئەزاسى بولغان. گېرمانىيە ئۇرۇش بولۇپ قالغان تەقدىردە، كورىيەنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1592 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2024 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق