نېپال پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان نامۇۋاپىق سۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال پارلامېنت ئەزالىرى يېقىندا ھۆكۈمەتنى خىتاي باش ئەلچىسى چېن سۇڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلىرىنىڭ نامۇۋاپىق دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-ئىيۇل نېپالنىڭ تىرىسۇلى دەرياسى بويىدا تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 65 يولۇچى ئولتۇرغان ئىككى ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇنلىغان قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى ئاپتوبۇس ۋە يولۇچىلارنى ئىزدەشكە باشلىغان. بۇ ۋەقە پۈتۈن نېپال دۆلىتىنى قايغۇغا سالغان. نېپال ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئەمما خىتاي باش ئەلچىسى چېن سۇڭ دەل بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا: «نېپال قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئەسلى يوقاپ كەتكەن ماگنىت پارچىسىنى ئىزدىشى كېرەك» دەپ مەسخىرىلىك ئۇچۇر يازغان. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئۇچىغا چىققان رەھىمسىزلىك، دەپ قارىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يوقاپ كەتكەن بۇ ماگنىتنى ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر تەمىنلىگەن بولۇپ، سۇ ئاستىدا ئاپتوبۇس ۋە يولۇچىلارنى ئىزدەشكە ئىشلىتىلگەن. نۇرغۇن پۇقرالار، پائالىيەتچىلەر چېن سۇڭنىڭ X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى سۆزلىرىنىڭ بۇ پاجىئەنى ۋە كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى سۇيۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇ ۋەقە نېپال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى نېپال پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، چېن سۇڭنىڭ سۆزلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەنى مەسخىرە قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، دىپلوماتىك ئالاقە ئۆلچىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار يەنە نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خىتاي ئەلچىسى چېن سۇڭنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، قالايمىقان سۆزلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە قىستاشقا، بۇ ئىشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ