ئاۋسترالىيەدە پاناھلىق تىلىگەن خىتايلارنىڭ سانى ئاشماقتا

يېقىنقى مەزگىللەردە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە جەمئىي 3555 خىتاي ئوقۇغۇچى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، بۇ سان باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىكەن. بۇ سان داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغىغان ۋە مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان.

پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىن قېچىش ئاساسلىقى شەخسىي ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشىمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاناھلىق تىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابۇل رىزۋى ئامېرىكا ئاۋازىغا نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان خىتايلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى خىتاينىڭ ۋىزا ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە چەك قويۇشى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا چەك قويۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر قىسىم كۆچمەنلەر ئادۋوكاتلىرى بولسا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاناھلىق تىلىشى ئەمەلىيەتتە ئاۋسترالىيەدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ خىلدىكى پاناھلىق تىلەش يولىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى ئاۋسترالىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى جاسۇس ياكى ۋاكالەتچى خادىم سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشى، ئاۋسترالىيەگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1305 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2024 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق