ئامېرىكا يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينى ئەڭ چوڭ ئىستىخبارات تەھدىتى دەپ بېكىتتى

خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرىقىدە جاسۇسلۇق تەھدىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تەستىقلانغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا چەت ئەل جاسۇسلۇق ئورگانلىرىدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرىقىدە بىر قاتار تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى چەت ئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرى ھەمكارلىقنى بارغانسېرى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 1-ئاۋغۇست ئىمزالىغان «دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسى»دە رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورىيەنى ئاساسلىق جىنايەتچىلەر دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە رۇسىيە بىلەن خىتاينى «ئەڭ ئېغىر ئىستىخبارات تەھدىتى» دەپ بېكىتكەن. ئەمما بۇ ھۆججەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلەرنى قوزغاۋاتقانلىقى، ھەتتا ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

ھۆججەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ئۇلار شەكىللەندۈرگەن تەھدىتنىڭ تېخىمۇ زورايغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە يەنە: «خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ نۇرغۇن ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى يەنىلا بايقالماي قالدى» دېگەنلەر قوشۇمچە قىلىنغان.

ئىستىخبارات ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ بەزىدە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، شەخسىي شىركەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ۋە شۇنداقلا خىتاينى ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى شىركەتلەر ئارقىلىق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش، باشقا دۆلەت ۋە خەلقلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1852 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2024 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق