فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا قارشى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە 2-ئاۋغۇست جەنۇبىي دېڭىزدا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قارشى ئەڭ يېڭى ھەمكارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىقتىسادىي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا ئوخشاش بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. مانېۋىرنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن بولغان كەسكىن ۋەزىيەت كۈچەيگەن ئەھۋالدا، ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئىكەن.

فىلىپپىن قوراللىق قىسمى ئېلان قىلغان باياناتتا: «بۇ پائالىيەت رايون ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى روياپقا چىقىرىشتا داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتكەن. باياناتتا يەنە ئەڭ يېڭى مانېۋىرغا ئىككى تەرەپ ئىككىدىن پاراخوت قاتناشتۇرغاندىن باشقا، ئۇچۇر-ئالاقە مانېۋىرى، تاكتىكىلىق ھەرىكەت ۋە سۈرەتكە ئېلىش مانېۋىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان «ئۆزئارا زىيارەت قىلىش كېلىشىمى»گە ئىمزا قويغان. بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ دۆلىتىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىكەن. فىلىپپىن تەرەپ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت كۈچەيگەن بىر ۋەزىيەتتە، بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يەر شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى ئارىسىدىكى سودىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ، مالايشىيا، فىلىپپىن، تەيۋەن، ۋىيېتنام ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1757 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2024 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق