پاكىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

پاكىستاندىكى پورت شەھىرى گىۋاداردا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى گىۋاداردا يېقىندا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش بۇ رايوندا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئەھۋال گىۋادار پورتىغا غايەت زور مەبلەغ سالغان، كونترول قىلىۋاتقان خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان.

مەزكۇر نامايىشلار پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ۋە نامرات ئۆلكىسى بولغان بەلۇجىستاننىڭ پۇقرالىرىغا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بەلۇجىستان بىرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. نامايىش سەۋەبىدىن گىۋادار شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆتكەن جۈمەدىن باشلاپ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەلۇجىستان بىرلىك كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ماھراڭ بەلۇج يەكشەنبە كۈنى «بەلۇج مىللىي يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان. بۇ يىغىلىشتا مەجبۇرىي ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەنلەرنى ئىزدەش ۋە بەلۇجىستانلىقلارنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەردىن مەنپەئەتلىنىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مىڭلىغان كىشىلەر گىۋادارغا يىغىلغان. ئەمما بۇ پورت شەھىرى قامال قىلىنغان، تور ۋە تېلېفون ئۈزۈۋېتىلگەن، شەھەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بەلۇجىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گىۋادارغا بارىدىغان بارلىق يوللارنى تاقىۋەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنىلا كۆپ ساندىكى نامايىشچىلار گىۋادارغا يېتىپ كېلەلىگەن.

بەلۇجىستان بىرلىك كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئالدىنقى يەكشەنبە كەچتە نامايىشچىلارنى باستۇرغان بولۇپ، بۇ باستۇرۇش توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان. بەلۇجىستان بىرلىك كومىتېتى كەم دېگەندە بىر نامايىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پاكىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 240 مىليون، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى 15 مىليون بولۇپ، بەلۇجىستان ئۆلكىسى مول تەبىئىي بايلىقى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور كىرىم مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. گىۋادار پورتى بولسا جەمئىي 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي 2006-يىلى قۇرۇلغان گىۋادار پورتىنى ئەمەلىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ كەلگەن. خىتاي يەنە گىۋاداردا بىر ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. بۇ ئايرودۇرۇم پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بولۇپ قالىدىكەن.

بىر نەچچە يىل مابەينىدە بۇ رايوندىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل مارت ئېيىدا بۇرۇن گىۋادار رايونىدىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. 26-مارت خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ئەترىتى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي ئۆلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1717 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2024 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق