خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ توختىتىلغان ئۈرۈمچى-ئىستانبۇل ھاۋا لىنىيەسى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئېچىلماقچى.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 17-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. بۇ سەككىز يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن ئىككى شەھەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇنتىزىم بىۋاسىتە ئۇچۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدىكى يولۇچى ئايروپىلانى ھەر شەنبە بىر قېتىم ئۇچىدىغان بولۇپ، بىر تەرەپلىك ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن يەتتە سائەت ئىكەن، بېرىش-كېلىشتە 500 دىن ئارتۇق يولۇچىنى توشۇيدىكەن. CZ6035 نومۇرلۇق ئايروپىلان ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:50 دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئىستانبۇل ۋاقتى 21:50 دە ئىستانبۇلغا يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش يولىدا CZ6036 نومۇرلۇق ئايروپىلان ئىستانبۇل ۋاقىت سائەت 00:20 دە ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى 09:30 دا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.
سەككىز يىل ئىلگىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كەلگەن خىتاي تۈركىيەگە بىر قىسىم ساھەلەردە زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى-ئىستانبۇل ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ