شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (8)
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
قىسىم ئىككى كۈن يول يۈرۈپ مەكىتتىن ئۆتۈپ، يەكەننىڭ لايلىق دېگەن يېرىدە ئۈچ-تۆت كۈن تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، شايار، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئەسكەر ۋە پىدائىيلارمۇ كېلىپ، جەمئىي 3500 كىشى جەم بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى رەھبەرلىرى، مەمۇرىي خىزمەتچىلىرى ۋە قوماندان-ئەسكەرلىرى ئىدى.
بۇ جەرياندا رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق يەكەندىمۇ سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. دېمەك، پۈتۈن ئەتراپ قورشالغانىدى. ئابدۇنىياز كامال مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، 1937-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىشتاب كادىرلىرى، ھەرقايسى پولك كوماندىرلىرى ۋە مەسلىھەتچىلەرنى يىغىپ چوڭ بىر يىغىن ئاچىدۇ. يىغىندا قانداق قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئاكا-ئىنىلەر، قېرىنداشلار، سەپداشلار، دوستلار! ئۇرۇستەك چوڭ دۆلەتنىڭ مېخانىكىلاشقان قىسىملىرى، يەنى ئايروپىلان، تانكا، بىرونېۋىكلار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلىرى دۆلىتىمىزگە بېسىپ كىرمىگەن بولسا، خەلقىمىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرىنى يوقىتىشىمىز ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئەپسۇس، سوۋېت كوممۇنىستلىرى ئېزىلگەن ئەللەرگە ياردەم بېرىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئېزىلگەن خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكىتىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، تەقدىر بىزنى ناچار ئەھۋالدا قالدۇردى. مۇزاكىرە جەريانىدا مەن بىلەن جاپالىق جەڭلەردە بىرگە بولغان بەزى كىشىلەر ئورۇسلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەسلىم بولايلى دېسە، يەنە بەزىلەر چەت ئەلگە، يەنى ھىندىستانغا قېچىپ كېتەيلى، دېدى. مېنىڭچە بۇ خىل پىكىرلەر ئىنتايىن خاتا. بىز يەكەننىڭ كاچۇڭ دېگەن يېرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يەكەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىرنەچچە مىليون خەلقنى ئازاد قىلدۇق. ئاقسۇ، شايار، توقسۇ، كۇچا، بۈگۈر، كورلا ھەتتا قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىپ، ھۆركىرىگەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى - ئورۇس ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردۇق. ئەمدى شورالار ھۆكۈمىتى دەپ نام ئالغان بۇ بولشېۋىكلار (سوۋېت ھۆكۈمىتى) بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلىشىپ، ئىنقىلابىمىزنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى. بىز ئېغىر كۈنلەردە بىرگە جەڭ قىلغان، بىر ناننى تەڭ يېگەن دوستلىرىمىزنى، پىدائىيلىرىمىزنى، سەپداشلىرىمىزنى، خەلقىمىزنى، ئۆز ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ، سېسىق جېنىمىزنى ئېلىپ چەت ئەلگە قاچامدۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىش خىتايدەك تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىغ كۆتۈرگەن بىز شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە سەت ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ بىر نان يېسەك تويىمىزغۇ؟ نېمە ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن مىڭلىغان دوستلىرىمىز ئۇرۇش مەيدانىدا شېھىت بولدى؟ بىز چەت ئەلگە قاچساق قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ ئۆلۈپ تۈگەيمىزكى، ھەرگىزمۇ چەت ئەلگە قېچىپ سەتلەشمەيمىز. مەخمۇت مۇھىتى ئاكىمىز جېنىنى ئېلىپ چەت ئەلگە قېچىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ ھەتتا بىزگە بىرەر پارچە خەتمۇ يازمىدى. بىزمۇ چەت ئەلگە قاچساق شۇ ئادەمگە ئوخشاش سەت كۈنگە قالىمىز. مەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، پۈتۈن ئىشلارنى مېنىڭ بۇيرۇقۇم بىلەن قىلدىڭلار. شېڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئورۇسلارنىڭ دۈشمىنى - مەن ئابدۇنىياز. ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ سىلەرنىڭ تارقىلىپ ئۆز ئالدىڭلارغا پاناھلىنىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. ئەلۋەتتە، ئاققان قانلىرىمىز بىكارغا كەتمەس، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ئەسلەر، بىزنىڭ ئىنتىقامىمىزنى ئالار، مەندىن رازى بولۇپ كېتىڭلار، ئاللاھ تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن».
بۇ ۋاقىتتا باش قوماندان ئابدۇنىياز كامالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ قاتتىق يىغا-زارە قىلىشىپ لايلىق كەنتنى بىر ئالغان. بەزى ئەسكەرلەر «بۇنداق جاننى كۆتۈرۈپ ياشىغۇچە ئۆلۈپلا تۈگەشكىنىم ياخشى...» دېگەندەك قاتتىق تالاش - تارتىشلار بولغان. ئابدۇنىياز كامال بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى بارلىق ئوقلارنى يىغىپ، ساناپ، ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپانلىق پول كوماندىرى ئابدۇللا، ئۇنىڭ بىر قوغدىغۇچىسى قاتارلىق: «مەن باش قوماندان ئابدۇنىياز كامال بىلەن بىرگە ئۆلىمەن، ئۆلسەك بىرگە ئۆلىمىز، قۇتۇلساق بىرگە قۇتۇلىمىز» دەپ قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان 300 ئەتراپىدا پىدائىي ئەسكىرىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغان بارلىق ئەسكەر، رەھبەر ۋە مەمۇرىي خىزمەتتىكىلەرنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال قولىدىكى ئەسكەرلەرنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئاتۇشلۇق پولك كوماندىرى كىچىك ئاخۇن[1] 1600 ئەسكەرنى باشلاپ يەكەنگە بېرىپ، سوۋېت ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولىدۇ. ئۇ يەكەندە ئىككى كۈن ئىختىيارى تۇرۇپ 3-كۈنى غايىب بولىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال شۇنىڭدىن كېيىن ئويلىنىپ، 300 ئەسكىرى بىلەن خوتەنگە بېرىپ، يەنە ما خۇسەن قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاندىن ئۇرۇش قىلماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ يەكەندە يول توسۇپ ياتقان شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغان ئابدۇنىياز كامال ئاخىرقى قېتىم 300 ئەسكىرى بىلەن ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئوقلارغا تايىنىپ دۈشمەننىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ تەڭسىز ئۇرۇش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. ئابدۇنىياز كامال سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن جاسارىتىنى يىغىپ، باتۇرلۇق بىلەن ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دۈشمەن قوشۇنى كۆپ بولغانلىقتىن قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھايات قالغان سەككىز-ئون ئەسكىرى بىلەن جەڭ مەيدانىدىن يېنىپ چىقىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ 300 ئەسكىرىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە شۇنچە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى ھەم قوراللىرىنىڭ شۇنچە ئاددىي بولۇشىغا قارىماي، ئۇ قەدەر قاراملىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشى شېڭ شىسەينىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رۇس ئەسكەرلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم قورقۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇنىياز كامال جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىققاندا، گەرچە ئۇنىڭ ئوندەك ئەسكىرى قالغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا پېتىنالمايدۇ.
ئابدۇنىياز كامال جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن يېنىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، كۈرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ. باش قوماندان گېنېرال ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئوندەك ئەسكەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى قوماندانى ۋە ئەسكەرلىرى ئىدى.
داۋامى بار...
ئالاقىدار يازمىلار:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8747
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8757
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8764
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8768
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8776