ئامېرىكا خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى تېزلەتمەكتە

ئامېرىكا خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى تېزلەتكەن بولۇپ، يېڭى تىزىملىكنىڭ يېرىمى خىتاي ۋە خوڭكوڭ شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جازا قارارىغا ئاساسەن يۈزدىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئىككى جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خوڭكوڭ، ئىران ۋە يەمەندىكى يەتتە شەخس ۋە 11 شىركەتكە چېتىلىدىكەن. خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەتلەر ۋە خىتاينىڭ گۇاڭجۇ، شېنجېندىكى ئىككى شىركەتنى قوشقاندا، خىتاي ۋە خوڭكوڭ شىركەتلىرى جازا تىزىملىكىنىڭ %64 نى ئىگىلەيدىكەن. مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىران ۋە ھۇسىي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا بىلۇمبېرگ خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا 120 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك ئۆزىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلەيدىكەن. بۇ جازا ئاساسلىقى Nvidia ۋە AMD شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېزلەتكۈچنى ئىجرا قىلىشقا كېرەك بولىدىغان «يۇقىرى كەڭ بەلباغلىق ئىچكى ساقلىغۇچ» كىرىستال ياپراقچىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، جازا يۈرگۈزۈلىدىغان شىركەتلەرنىڭ كونكرېت سانى تېخى بېكىتىلمىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 30-ئىيۇل ۋە 31-ئىيۇل كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جازا ئېلان قىلغان. باياناتتا ئىككى يەمەنلىك شەخس ۋە تۆت شىركەت ھۇسىي قوراللىق قىسىملىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، جازالانغان تۆت شىركەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۇاڭجۇ ۋە خوڭكوڭغا جايلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قوراللىق قىسىم مۇناسىۋەتلىك قوراللارنى ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى، سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1520 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2024 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق