ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى «تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشىنى توسۇش مەقسەت قىلىنغان، پارتىيە ھالقىغان «2024-يىللىق تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي كۈچ بىلەن تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، ئومۇميۈزلۈك ۋە قاتتىق تەرىقىدە ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، مالىيە ۋە باشقا تۈردىكى جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 26-ئىيۇل ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى دەن سۇلىۋان بىلەن ئىلىيونىز ئىشتاتىنىڭ دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تامى داكۋورس تەرىپىدىن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.
قانۇن لايىھەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى، مالىيە ئورگانلىرى ۋە سانائەت ساھەسىگە قارىتىلغان بىر قاتار جازالار، شۇنداقلا ئامېرىكا مالىيە ئورگانلىرىنىڭ، جۈملىدىن مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى، شەخسىي كاپىتال شىركەتلىرى، مەبلەغ شىركەتلىرى ياكى خەۋپلىك مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە پايدىلىق ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي تاجاۋۇزىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قانۇن يەنە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ