تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، پولشا، سىلوۋاكىيە، نورۋېگىيە ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ مەھبۇسلىرى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلدى.
CNN تۈركچە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ جەرياندا تۈركىيە ئاساسلىق رول ئوينىغان. ئالماشتۇرۇلغان كىشىلەر ئەر-ئايال ۋە ئىككى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 26 كىشى ئىكەن.
مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىككى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىردىن بولۇپ جەمئىي سەككىز ئايروپىلان ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ كەلگەن. تۈركىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر مەھبۇسلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ كەتكەن.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئېلىپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنى ئۆزى ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن تۈركىيەنىڭ مەھبۇس ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر