ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرادىكى جىددىيچىلىكى پەسەيمىدى

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چېگرا جىددىيچىلىكى يەنىلا پەسەيمىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى سەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ ئەسكەرنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ھىمالايا چېگراسىدا تىركەشكىنىگە بەش يىل بولغان. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇش چاقىرىقىغا قارىماي، ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي زىددىيەتنىڭ پەسەيگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرۈلمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى زور دەرىجىدە بىلەن ئاشقان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھىمالايا تېغى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەھدىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، يول، كۆۋرۈك ۋە باشقا ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ياساۋاتقانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ  بولسا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2020-يىلى 6-ئايدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاسىيادىكى بۇ  ئىككى رەقىبىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتتىق ناچارلاشقان. ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمىدە، ھەر تەرەپ تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكەرنى ھىمالايا تېغىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكار دۈشەنبە كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك سۆھبەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەس» دېگەن.

جايشانكارنىڭ بۇ سۆزى ئالدىنقى ھەپتە لائوستا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىر نەچچە كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەنگەنىدى. ۋاڭ يى سۆھبەتتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنى توغرا يولغا قايتۇرۇش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دېگەنىدى.

ئەمما تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە چېگرا ۋەزىيىتىدە نورماللاشتۇرۇش ئالامەتلىرى يوق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر نەچچە توقۇنۇش رايونىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدەك نورماللاشمىغان. تۆت يىل ئىلگىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 21 قېتىم سۆھبەتلەشكەن، ئەمما ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1608 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2024 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق