ياۋروپا ئىسلام كېڭىشى پەتىۋا كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتور ھەيسەم ئەلھەددادى 30- ئىيۇل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى مېھماننى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋېلىندى.
سۆھبەت جەريانىدا دوكتور ھەيسەم ئەلھەددادىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچلىرى ۋە بۇ يۆنىلىشتە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئورتاق خىزمەتلەرنى قىلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ