چەت ئەل پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى تەيۋەن ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

24 دۆلەتتىن كەلگەن 49 پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەندە جەم بولۇپ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بولغان ئىقتىسادىي تەسىرىنى باھالىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇل باشلانغان ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىش خىتايغا قارشى دۆلەت ھالقىغان پارلامېنت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىتتىپاق 35 دۆلەتتىن كەلگەن يۈزلىگەن قانۇن چىقارغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن تەيۋەنگە تارىختىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى توپلانغان.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې سەيشەنبە سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ ھەرقانداق دۆلەتكە قىلغان تەھدىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنياغا قىلغان تەھدىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە يىغىنغا قاتناشقان قانۇن چىقارغۇچىلارغا: «تەيۋەن دېموكراتىك شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، دېموكراتىك قالقان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى مۇستەبىت كېڭەيمىچىلىكىنىڭ تەھدىتىدىن قوغدايدۇ» دېگەن.

بۇ قېتىمقى كەم ئۇچرايدىغان يىغىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قانۇن چىقارغۇچىلارنى تەيۋەنگە جەم قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ سابىق ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى ئاۋغۇست ئېيىدا تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، چەت ئەل سىياسىيونلىرى زىيارىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى ئىكەن.

خىتاي نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەرقانداق خەلقئارالىق ئالاقىدە بولۇشىغا قارشى چىقىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەننى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىپ كەلمەكتە ۋە خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئازايماقتا. نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ 12 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1269 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2024 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق