گېرمانىيە خىتاي باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا جىددىي چاقىرتتى

گېرمانىيە خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا جىددىي چاقىرتىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىلغان تور ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى 31-ئىيۇلدىكى باياناتىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى فېدېراتىپ يەر ئۆلچەش ۋە سىزىش ئىدارىسىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي دۆلەت خادىملىرى تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېيتقان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىش ئۈچۈن خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ گېرمانىيەنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتىشى ئىكەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېباستىيان فىشېر: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ئۆلچەش ۋە سىزىش ئىدارىسىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلىرى بار» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە 2021-يىلى گېرمانىيە فېدېراتىپ يەر ئۆلچەش ۋە سىزىش ئىدارىسىگە قىلىنغان تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 31-ئىيۇل خىتاي باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتقان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى فىشېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خاككېرلارنىڭ جاسۇسلۇق مەقسىتىدە مەزكۇر ئىدارىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىنى، گېرمانىيە خىتاينىڭ بۇ تور ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، خىتاينى بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ۋە قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپ گېرمانىيەگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

خىتاي خاككېرلىرى يىللاردىن بېرى باشقا دۆلەتلەرگە تور ھۇجۇمى قوزغاش بىلەن كۆپ قېتىم ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىدەك گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئېنىق ئىسپاتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1221 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2024 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق