شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (7)
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
بۇ جەرياندا ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ سەككىز مىڭدىن ئېشىپ، يەتتە پولكقا كېڭىيىدۇ. ئەمما ئەسكەرلەرنىڭ قورال، ئوق-دورىلىرى كەمچىل بولۇپ، سەككىز مىڭ ئەسكەرنىڭ قولىدا پەقەت 1500 ئەتراپىدا قورال بار ئىدى.
1937-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئابدۇنىياز ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئاقسۇ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى 100 ئەسكىرى بىلەن ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، سېپىل ئىچىدىكى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ، شەھەرنى ئازاد قىلىدۇ. ئاندىن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، شەھەر ئىچىدىكى تاقىچى مەھەللىسىدە بىر ئوق زاۋۇتى، بىر قورال رېمونت قىلىش زاۋۇتى، بىر ھەربىي كىيىم-كېچەك كارخانىسى ۋە بىر ئات جابدۇقى كارخانىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ زاۋۇت، كارخانىلار شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ئوق، پارتلىتىش دورىسى، كىيىم-كېچەك ۋە ئات جابدۇقى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ شارائىتى خېلىلا ياخشىلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال ئاقسۇغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئارمىيەنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ئۇرۇش بەكمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. ئۈچ ئايغا يېقىن تىركىشىش جەريانىدا تولا مەغلۇپ بولۇپ، قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن شېڭ شىسەي ئاخىر ئىستالىندىن ياردەم سورايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە كۈچى يەتمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، نامدا شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەخمۇت مۇھىتىلار بۇرۇندىنلا پەرەز قىلىپ قاتتىق ئېھتىيات قىلغان ئۇرۇش رەسمىي باشلىنىدۇ. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستانغا رەسمىي ھالدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى بىرلا ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
1937-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېتنىڭ 2000 كىشىلىك قىزىل ئارمىيەسى «ئالتايىسكى» دېگەن نامدا ئايروپىلان ۋە تانكىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شېڭ شىسەينىڭ 2000 كىشىلىك ئەسكىرى بىلەن بىرلىشىپ، جەمئىي 4000 كىشىلىك سوۋېت ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىرلىكتە ئاقسۇدىكى ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىيازنىڭ قوراللىق قوشۇنىنىڭ سانى پەقەت 1500 كىشى ئىدى. ئۇ ئۇرۇشقا ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بىرقانچە كۈن باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇرۇش مەخمۇت مۇھىتى ۋاقتىدىكى ئۇرۇشلاردىنمۇ قاتتىق ۋە بەكمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئاخىر شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئوق - دورىلىرى تۈگەپ كېتىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. باش قوماندان ئابدۇنىياز كامال تاكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئوقلىرى تۈگەپ ئامالسىز قالغان شۇ كۈنىگىچە بولغان بارلىق ئۇرۇشلاردا بىر قېتىممۇ يېڭىلمىگەنىدى.
1937-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شېڭ شىسەي «ئالتايىسكى» دەپ ئاتالغان سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، يەنە 1000 ئەسكىرىنى ياردەمگە ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ. ئابدۇنىياز قۇمباش، ئايكۆلدىكى مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى بىلەن قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا تېخىمۇ شىددەتلىك ۋە قانلىق بولىدۇ. ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئاۋات، قۇمباشتىكى ئەسكەرلىرى قوراللىرىنىڭ ناچار، ئوق-دورىلىرىنىڭ كەمچىللىكىگە قارىماي، خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىر نەچچە كۈن قاتتىق ئۇرۇش قىلىدۇ. سوۋېت ئايروپىلانلىرى توختىماي بومباردىمان قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئابدۇنىياز قىسىملىرى ئىككى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئىككى رۇس ۋە ئىككى خىتاي ئۇچقۇچىسىنى ئەسىر ئالىدۇ. لېكىن ئوق-دورىسى تۈگىگەن ئابدۇنىياز ئامالسىز قېلىپ ئۇچتۇرپانغا چېكىنىدۇ. ئۇ يەردىمۇ رۇس قىزىل ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوق-دورا قىسلىقىدىن يېڭىلىپ، يەنە ئاقسۇنىڭ ئايكۆلگە چېكىنىدۇ.
9-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 20 ئايروپىلان، 20 تانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 كىشىلىك ماشىنىلاشقان قىسمى ھەم ئەركەشتام، سىمخانا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەشقەردىكى ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەننىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەننىڭ ئالاقە لىنىيەسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. دەل بۇ جىددىي پەيتتە قەشقەر فىرونتىدىكى ما خۇسەننىڭ بىرىگادا كوماندىرى ما شىڭكۈي 2000 ئەسكىرى بىلەن شېڭ شىسەيگە تەسلىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز كامال، ما خۇسەن بىرلەشمە ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. سوۋېت-شېڭ شىسەي بىرلەشمە ئارمىيەسى 31- ۋە 32-پولكتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن ما شىڭكۈي قىسىملىرىنى ئاۋانگارت قىسىم قىلىپ، ئالدىغا سېلىپ ما خۇسەن قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. ما خۇسەن قىسىملىرىمۇ يېڭىلىپ، بىر قىسمى تەسلىم بولىدۇ. ماخۇسەن ئازراق ئادىمى بىلەن ھىندىستانغا قاچىدۇ، ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرى خوتەنگە چېكىنىدۇ.
بۇ جەرياندا ما خۇسەن ئابدۇنىياز كامالغا يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىمەن دەپ، ئەمەلىيەتتە ليۇ بىڭ قىسىملىرى بىلەن ئانچە-مۇنچە ئۇرۇش قىلىپ قويۇپ پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزگەن. بارلىق ئۇرۇشلارنى ئاساسەن ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئۇچتۇرپاندىن ئايكۆلگە چېكىنىپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت ۋە شېڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن يەنە ئۇرۇش قىلىدۇ. غورىچۆلگە كەلگەندە ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن تارتىپ ھىيلىگەرلىك قىلىپ سەپنىڭ كەينىدە مېڭىپ كەلگەن تۇڭگان ما فۇيۈەن قىسىملىرى بىلەن ئابدۇنىياز كامالنىڭ قىسىملىرى ئارىسىدا سۈركىلىش بولۇپ ئارىسى بۇزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پولك كوماندىرى مويدىننىڭ شېڭ شىسەيگە يوللىغان مەخپىي خېتى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ۋە خىتاي ئۇچقۇچىلىرىنىمۇ قاچۇرۇۋەتكەنلىكى پاش بولىدۇ. ئابدۇنىياز كامال ۋەتەن خائىنى مويدىننى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، قىلىچ بىلەن چاپتۇرۇپ ئىجرا قىلىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى-شېڭ شىسەي قىسىملىرى ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسىدە غورىچۆلدىكى ئابدۇنىياز كامال ئارمىيەسىگە يەنە قاتتىق ھۇجۇم باشلايدۇ. ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ ئوق-دورا ۋە قوراللىرى كەمچىل بولسىمۇ، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمەي تارمار بولۇپ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ چېكىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامالنىڭ 800، ما فۇيۈەننىڭ 200 بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر قالغان بولۇپ، بۇلار خوتەن تەرەپكە چېكىنىش قارارىغا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ يولىدا تار دېگەن بىر جىلغا بولۇپ، بۇ ئىككى قاسنىقى ئېگىز، ئىچى تار، ئەتراپى چىڭدىلىپ كەتكەن قۇملاردىن تەركىب تاپقان جىلغا ئىدى. جىلغىغا كىرىدىغان ۋاقىتتا ما فۇيۈەن قىسىملىرى بىردىنلا يول تالىشىپ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ. ئەسلىدە سوۋېت قىسىملىرى بۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىۋېلىپ، جىلغىغا پىستىرما قويۇپ ساقلاپ ياتقان ئىكەن. بۇلار جىلغىغا كىرىپ 500 مېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن، رۇسلار ماكسىم پىلىموت بىلەن شىددەتلىك ئوققا تۇتىدۇ. بۇ پىستىرمىدا تۇڭگان ئەسكەرلىرى تامامەن دېگۈدەك قىرىلىپ كېتىدۇ. ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىدىنمۇ 300 دىن ئارتۇق ئادەم شېھىت بولىدۇ. بۇ زەربىدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامالنىڭ پەقەت 300 ئەسكىرى قالىدۇ.
بۇلار چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن باسىت قارى ئىسىملىك پەيجاڭ: «بۇ ئەجنەبىي ئورۇسلاردىن ئاشۇ بىھۇدە قىرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قان قىساسىنى ئالمىساق كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ» دەپ، ئاۋاتنىڭ غورىچۆللۈك تالىپ قارى دېگەن بىر يىگىتنى يېنىغا ئېلىپ، كېچىسى ئاتلىق يولغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەتىگىنى پىستىرمىغا قويغان ئالتە رۇس، ئىككى ئۇيغۇر، بىر قىرغىز، بىر قازاق بولۇپ، ئون رۇس ئەسكىرىنىڭ كاللىسى بىلەن ئىككى دانە ماكسىم پىلىموت، سەككىز دانە مىلتىق ۋە ئىككى ساندۇق ئوق كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەسكەرلەر بۇلاردىن بەكمۇ خۇرسەن بولىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال شۇنىڭدىن كېيىن مەكىت ئارقىلىق خوتەنگە چېكىنىپ، ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قويۇق توغراقلىق بىلەن قاپلانغان تارىم دەرياسىنى بويلاپ يولغا چىقىدۇ. ئابدۇنىياز كامال بۇ جەرياندا بارلىق سەپلەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خادىملىرىنى يىغىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇلار مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئابدۇنىيازنىڭ قولىدا ئىشتاب كادىرلىرى، مۇلازىملار، ئەسكەرلەر بولۇپ مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. قىسىم ئىككى كۈن يول يۈرۈپ مەكىتتىن ئۆتۈپ، يەكەننىڭ لايلىق دېگەن يېرىدە ئۈچ-تۆت كۈن تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، شايار، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئەسكەر ۋە پىدائىيلارمۇ كېلىپ، جەمئىي 3500 كىشى جەم بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى رەھبەرلىرى، مەمۇرىي خىزمەتچىلىرى ۋە قوماندان-ئەسكەرلىرى ئىدى.
داۋامى بار ...
ئالاقىدار يازمىلار:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8747
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8757
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8764
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8768