ئامېرىكا: تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر بىلەن خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېل ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېل 30-ئىيۇلدىكى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئافرىقىدا سىيرەك توپا بايلىقلىرىنى ئىزدەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كامپبېل كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشنىڭ زامانىۋى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى دۇچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ گېئوپولىتىكىلىق سىناق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كامپبېل يەنە: «بىز تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك، خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى بازىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەسىگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى سىيرەك توپا يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ بىزنىڭ سانائەت ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىمىز ئۈچۈن مۇھىم» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېمىسازلىق سانائىتىدىكى پەرقىنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كامپبېل ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1278 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2024 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق