ھاماسنىڭ سىياسىي رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە ئىراندا قەستكە ئۇچرىدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە ھەنىييەنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىمۇ ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىياننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن بىر نەچچە سائەت كېيىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ھاماس تەرەپمۇ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى تۇرالغۇسىغا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا شېھىت قىلىنغانلىقى جەزملەشتۈرگەن.

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس ھەرىكىتى ۋە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتلاردا، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندىكى تۇرالغۇسىغا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۇجۇمدا شېھىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەگە قارىتىلغان سۇيىقەست ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراندا قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندىكى كەسكىنلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ھەنىييەگە قارىتىلغان سۇيىقەست رايوندىكى كەسكىنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بۇ قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندا ئىجرا قىلىنغان قەبىھ سۇيىقەست نەتىجىسىدە قەتلى قىلىنىشىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمائىل ھەنىييە تېھراننىڭ شىمالىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر تۇرىدىغان ئالاھىدە تۇرالغۇدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھاۋادىن قويۇپ بېرىلگەن بومبا چۈشۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5949 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2024 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق