ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىلىپپىننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30- ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن سەيشەنبە كۈنى مانىلانى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا مانىلادا فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بۇ جەرياندا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
ئانتونى بىلىنكن بىلەن لويد ئوستىن ئارقىدىن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانالو ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى تېئودورو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە باشقا رايونلاردىكى مۇقىملىقنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك سۆھبىتى ۋە «تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك دىيالوگى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن فىلىپپىننى زىيارەت قىلغان.
بۇ فىلىپپىننىڭ تۇنجى قېتىم قوشما سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، 1951-يىلى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن «ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى»گە ئىمزا قويغان.
بىلىنكېن بۇ ھەقتە: «بۇ قېتىم فىلىپپىندىكى بىر قاتار يىغىنلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەجبۇرىيەتنى نامايان قىلدى. بىز بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېگەن.
خىتاي يىللاردىن بېرى بۇ ئاراللارنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم دەۋا قىلغان. فىلىپپىن ئارمىيەسى 1999-يىلى ئۇرۇش پاراخوتىنى مەقسەتلىك بۇ يەرگە توختاتقان بولۇپ، خىتاي ئۇنى سۆرەپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. فىلىپپىننىڭ مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي خادىملارغا تەمىنات يەتكۈزۈش ھەرىكىتى دائىم خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى بىلەن سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل دائىملىق توقۇنۇش فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، فىلىپپىندىكى بىر قانچە خادىمنى يارىلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ