ھىندىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىش ۋە ئىمپورت قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىشىشى دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلىغىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىلىرىنى بوشىتىشنى ئويلاشقان بولۇپ، بۇ مۇھىم سىياسەت ئۆزگىرىشى ھىندىستان سانائەت ساھەسى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ساھەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر ساھەدىكىلەر يېقىنقى يىللاردا خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ توساتتىن ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن زور زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
2020-يىلى خىتاي-ھىندىستان قوشۇنلىرى لاداخنىڭ گالۋان جىلغىسىدا توقۇنۇشۇپ، 20 ھىندىستان ئەسكىرى ۋە ئاز دېگەندە تۆت خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن. بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ قالغان. نەتىجىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلىغى ۋە سودىسىغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللانغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا يۇقىرى نىسبەتتە باج قويغان. بۇ سىياسەت ھىندىستاننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.
ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ كارخانىچىلار گۇرۇپپىسى بولغان ھىندىستان سانائەت بىرلەشمىسى (CII) 2020-يىلى قوبۇل قىلىنغان خىتاي مەبلىغىنى چەكلەش قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىپ كەلگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش، زاپچاس ئىمپورتى ۋە ئاجىز ساھەلەردىكى تېخنىكا يۆتكەش مەسىلىسىدە چەكلىمىسىز ئۇسۇل قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە ئەمگەك كۈچى كىرگۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە خىتايغا قويۇلغان سودىغا مۇناسىۋەتسىز باجنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا مۇۋازىنەت ساقلىشى كېرەك ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارارى ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي يۆنىلىشى ۋە دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاينىڭ ھىندىستاندا مەبلەغ سېلىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرە يەرشارىلاشقان ئىقتىساد دۇچ كەلگەن كەڭ كۆلەملىك قىيىنچىلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەندىن باشقا، دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن خەلقئارادىكى ئۆزئارا باغلىنىش مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ