يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىش سەۋەبلىك، تۈرلۈك بېسىم ۋە جازالارغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى چۈشۈپ، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى چۈشۈشكە باشلىغانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان، خەلقئارالىق سوتلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىت، گۇۋاھچىلارغا تەھدىت سېلىش، بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنغان رەزىل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى سۈپىتىدە گوللاندىيەدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ بۇ يىل ئۇچرىغان كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
بۇ يىل 18-ئاپرېل ئابدۇرېھىم ئەپەندىگە نومۇرى كۆرۈنمەستىن تۇيۇقسىز تېلېفون كەلگەن. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ توققۇز يىلدىن بېرى ھېچ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ، ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان. ئاكىسى ئۇنىڭغا سىنلىق كۆرۈشۈشنى ئېيتقان. ئەتىسى ئاكىسى ئابلىكىم غېنى تېلېگرام ئەپ دېتالىدا سىنلىق تېلېفون قىلغان. ئەمەلىيەتتە تېلېگرام شەرقىي تۈركىستاندا چەكلەنگەن ئەپلەردىن بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئەپەندى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاكىسىنى مەخسۇس تېلېفون قىلدۇرۇپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى پەملىگەن. ئاكا-ئۇكىلار قىسقىچە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئاكىسىنىڭ قاپىقىنىڭ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ سەۋەبىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق ئاكىسى يىقىلىپ چۈشۈپ شىرەگە ئۈسۈۋالدىم، دەپ تۇرۇۋالغان. بۇلاردىن سىرت، ئاكىسىنىڭ چىرايىدىن بىرخىل قورقۇنچ كەيپىياتى چىقىپ تۇرغان بولۇپ، ئاكىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا خىتايغا قارشى پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغان، ئارقىدىن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرايلى، دەپ ئۆتۈنگەن.
ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئاكىسىغا: «مەن سىلەرگە نەچچە يىل تېلېفون قىلىپ، قەتئىي ئالاقىلىشالمىغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرنى خىتاي ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئىز-دېرىكىڭلارنى قىلغانىدىم» دېگەن. ئاكىسى ئۇنىڭغا: «بىز بار، بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن تېلېفون ئىشلەتمىگەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاكىسى يەنە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، نامايىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئابدۇرېھىم ئەپەندى شۇنىڭدىن كېيىن ئاكىسى قىلغان تېلېفوننى ئالمىغان.
ئابدۇرېھىم ئەپەندى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادا پاش قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان تەھدىتلىرىنى ئاشكارىلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ يىل 6-ئىيۇل ئامستېردامدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلىۋاتقانىدىم. تېلېگراممىدا قايسى بىر كىشى كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، تېلېفوننى ئالمىدىم. كېيىن قارىسام ئاكام ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ، دادامنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ھالىتى كۆرسىتىلگەن سىننى ئەۋەتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ كۆز يېشىمنى تۇتۇۋالالمىدىم. ئاكام ئۇچۇرىدا ماڭا ئەتە ئېچىلماقچى بولغان شى جىنپىڭنى سوتلايدىغان سوتقا قاتناشماسلىقنى، ھەتتا شەرقىي تۈركىستانغا تۇغقانلارنى يوقلاشقا كېلىپ دادام بىلەن كۆرۈشۈۋېلىشنى، خىتاينىڭ ماڭا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ھەم ئاكامغىمۇ پاسپورت بېجىرىپ بېرىپ، گوللاندىيەگە چىقىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ. مەن ئاكامنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب بەرمىدىم. ئاكام ماڭا يوللىغان بۇ ئۇچۇرنى 11-ئىيۇل ئېچىلغان پۇقرالار سوت مەھكىمىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە سوتچى، ئادۋوكات ۋە تەپتىش خادىملارغا قويۇپ بەردىم. غايىب بولغان 19 ئۇرۇق-تۇغقىنىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغىلى يەتتە يىلدىن ئاشقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ دادامنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە ياتقان سىننى يوللاش ئارقىلىق ماڭا روھىي جەھەتتىن بېسىم قىلىپ، بۇ سوتقا قاتناشماسلىققا بۇيرۇغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتنى سوتقا بەردىم. شى جىنپىڭنى ئاقلايدىغان ئادۋوكات گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىغان بولسىمۇ، ئەمما مەندىن ھېچنېمە سورىمىدى. بەلكى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، قولۇمنى سىقىپ، ماڭا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەسەللى بەردى. مەن بۇ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان 19 ئۇرۇق-تۇغقىنىمنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جانلىق ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى سۆزلىدىم. ھەم ئائىلەمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش يولىدا قىلغان پائالىيەتلىرىمنى، ھەتتا گوللاندىيە پادىشاھى، باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە قەدەر خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمنى دەلىل-ئىسپات بىلەن كۆرسەتتىم».
ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ خەۋەر بۆلۈمىمىزگە ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئامستېردامدىكى دام مەيدانى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش جەريانىدا، بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ