شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان ئۇيغۇر: ۋەتەنگە قايتقانغا مىڭ پۇشايمان

يېقىندىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشقا ئۈندىگەن. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى تەسۋىرلىگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ۋەتەنگە قايتقىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر ئاۋازلىق ئۇچۇردا، خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ۋەتەنگە قايتقان بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ دوستىغا ۋەتەنگە قايتقانلىقى ئۈچۈن قىلغان پۇشايمانلىرىنى ئېغىر غەمگە پاتقان ھالدا سۆزلەپ بەرگەن.

ئۇ ئاۋازلىق ئۇچۇردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئاشكارىلىغان: «بەزى ئىشلار ئىسىمغا كېلىۋېلىپ كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس. بەزى گەپلەرنى تېلېفوندا دېگىلى بولمىدى، بۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرسەڭ بولاتتى. مەن ۋەتەنگە بارمىغىلى 12 يىل بولغانىدى... ئاپام، دادامنىڭ ئاۋازىنى بەش يىل ئاڭلىيالمىدىم. كىشىلەردىن ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىن يۇمشاپتۇ دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم، بىر قانچە كىشىنىڭ ۋەتەنگە كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام بىلەن داداممۇ: كېلىڭ قىزىم، سىزنى بەك سېغىندۇق، ئىشلار بۇرۇنقىدەك ئەمەس، ياخشى بولۇپ كەتتى، چەت ئەللىكلەرنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ، ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز ئەمەلى ئەھۋالنى بىلىسىز، دېدى. ئۆزۈمچە ئاپام بىلەن داداممۇ بىرەر خەتەر بولغان بولسا ھەرگىز بۇنداق سۆزلەرنى قىلمايدۇ، دەپ ئويلاپ ئاخىر ۋەتەنگە باردىم. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا بەك قورقۇپ كەتتىم. ئايرودۇرۇمدا ئۇيغۇرلارنى باشقىلارغا قارىغاندا قاتتىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى يەنىلا بار ئىكەن. ئالدىمغا مەن تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان كىشىلەر بولۇپ، بەك كۆپ ئادەم چىقىپتۇ. ئۇلار ماڭا گۈللەرنى تۇتۇپ كەتتى. ئالدىمغا چىققانلار ئىچىدىكى بىر قانچە كىشى مەھەللە كومىتېتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەن. ئۇلار مەن ئۆيدىن كەتكۈچە ئۆيۈمدە قونغاندىن باشقا، كۈندە نەچچە ئەمەلدار كېلىپ نۇرغۇن گەپلەرنى سورىدى، بۇ گەپلەرنى تېلېفوندا دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن كۆرۈشكەندە ساڭا دەپ بېرىمەن».

مەزكۇر ئۇيغۇر قىز ھازىر قاتتىق بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇ ئۆيىدىكى ۋاقىتتا خىتاي خادىملىرىنىڭ «ۋەتەندىكى ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شىنجاڭ خەلقى باي-باياشات ياشاۋېتىپتۇ، چەت ئەلدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەر خىتاينى قارىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان» دېگەندەك يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە قىستاپ تۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا نەۋرە ئاكىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، ئۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ سىنغا چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خىتاي خادىملىرىنىڭ: «سىز چەت ئەلنىڭ تەشۋىقاتىنى راستقا چىقىرىپ بىزنى قارىلىماقچىمۇ؟ بۇنىڭ قانداق چوڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ نۆۋەتتە خىتايغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ، سىز كىمگە شۇنچە ئىشىنىۋاتىسىز؟ سىزگە بىرەر ئىش بولسا پاسپورت بەرگەن دۆلەتمۇ ئارىلىشالمايدۇ، ئۇنداق پاسپورتنى خالىساق ئەخلەتكە تاشلىۋېتىمىز» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ، خىتاينىڭ دېگىنى بويىچە سىنغا چىقىپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى ئەندىشە ۋە پۇشايمانلىرىنى بايان قىلىپ: «مەن ۋەتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ماڭا ئۆزلىرى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، كۈندە ئۇچۇر قىلدى. ئالاقىنى ئۈزۈۋەتسەم بەرگەن يالغان گۇۋاھلىق ھەققىدىكى سىننى تورغا قويۇۋېتىشىدىن قورقتۇم. ئەگەر خىتاي سىننى قويۇۋېتىپ قالسا ھەممە ئادەم مېنى خائىن دەپ تىللاپ كېتەرمۇ؟ ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەرگە كېتىپ يوقاپلا كېتەيمىكىن دەۋاتىمەن. ئالاقىنى ساقلاپ تۇراي دېسەم بىزنى شۇنچە ۋەيران قىلىۋاتقان خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىشلەيدىغان جاسۇسقا ئايلىنىپ كېتەرمەنمۇ؟ بۇ مەسىلىنى تولا ئويلاپ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن، خىتاي ساقچىلىرى ئالاقە قىلىپ تۇرۇڭ، دەپ ئارقامغا كىرىۋالدى. ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ قۇتۇلايمىكىن...» دېگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان تېمىلاردىن بىرى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىل ھىيلە-مىكىر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك شەرتلەر، تەھدىتلەر بىلەن ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3314 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2024 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق