ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 29-ئىيۇل خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەھدىت ۋە خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ رايوندىكى دېڭىز بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىشكەن.
بۇ بىرلەشمە بايانات توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىيالوگى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېنى ۋوڭ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوكو كامىكاۋا ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكن قاتناشقان.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشمە باياناتتا: «بىز شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز ھەمدە كۈچ ياكى تەھدىت ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېگەن، ئەمما باياناتتا خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇلار يەنە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئارال، خادا تاشلارنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە تەھدىت سېلىش ھەرىكەتلىرىدىن، جۈملىدىن دېڭىز ساقچىلىرى ۋە دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرى كېمىلىرىنىڭ خەتەرلىك قىلمىشلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك سۆھبىتىدە، بۇ ئىككى ئىتتىپاقداش خىتاينى رايوندىكى «ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت» دەپ بەلگىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ