شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (6)
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
مەخمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيەسى قوماندانسىز قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ يەكەندە تۇرۇۋاتقان 34-پولكى، يېڭىساردىكى 33-پولكى ۋە قەشقەر شەھىرى دۆڭباغدىكى 32- پولكىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شېڭ شىسەيگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خوتەندىكى ماخۇسەن قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىدۇ. 6-دىۋىزىيەنىڭ بىر قىسمى بولسا ئىشتاب باشلىقى قۇربان سەئىدىگە[1] ئەگىشىپ، يېڭىشەھەرگە چىقىپ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق جىددىي ۋە ئۈمىدسىز ۋەزىيەتتە 33-پولكنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇنىياز كامال[2] قوماندانسىز ئوتتۇرىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە باش بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
مەخمۇت مۇھىتى ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا ماڭغان ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامال يېڭىساردىكى 33-پولك 1-روتانىڭ كوماندىرى بولۇپ، ياپچان، ھاراب قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارنىڭ ئامانلىق ۋە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانىدى.
ئابدۇنىياز كامال شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ 33-پولكىدىكى ئوتتۇرىدا قېلىپ قالغان 1600 دىن كۆپ ئەسكەرنى يەكەننىڭ كاچۇڭ دېگەن يېرىگە يىغىدۇ. يىغىلغان ئارمىيەنىڭ باشلىقلىرى 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كاچۇڭدا چوڭ بىر ئوفىتسېرلار يىغىنى ئاچىدۇ. بۇ يىغىندا ئەقىل، قابىلىيەت ۋە باتۇرلۇقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئابدۇنىياز كامالنى بارلىق ئوفىتسېرلار بىردەك ئاۋاز بىلەن مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلايدۇ.
ئابدۇنىياز كامال شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، مويدىن پولك كوماندىرىنى[3] تۈرمىدىن چىقىرىپ مۇئاۋىن قوماندان ھەم ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئاندىن ئارمىيەنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئالدى بىلەن روتا كوماندېرلىرىنى پولك كوماندېرلىرىغا ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ۋاقتىدىكىدەك تۆت پولكقا ئايرىپ تەڭ تەقسىم قىلىدۇ. كېيىن دىۋىزىيە بويىچە ھەممەيلەننى يېڭى پولك، روتالار بويىچە كەڭ دالىدا سەپراس قىلىپ، ئۆزى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆز قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا:
- بىز كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز؟- دەيدۇ. ھەممە ئەسكەرلەر بىردەك:
- ۋەتەن ئۈچۈن،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ يەنە:
- ۋەتەن بىزنىڭ نېمىمىز؟- دەپ سورايدۇ. ئەسكەرلەر:
- ۋەتەن بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئاكا-ئىنىمىز، ئاچا-سىڭلىمىز، ئىززەت-ھۆرمىتىمىز، ھەممە نەرسىمىز،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال ئالدى بىلەن يېڭى 1-پولكقا كېچىلەپ يۈرۈش قىلىپ، يەكەننى ئازاد قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئابدۇنىياز كامال 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە قارشى رەسمىي ئۇرۇش باشلايدۇ.
بۇ چاغدا يەكەندە لۇ سىڭچۇڭ قوماندانلىقىدا بىر پولك خىتاي ئەسكىرى بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىپ قارشىلىق قىلمايلا تەسلىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەكەندىن ئىبارەت بىر شەھەر، مەكىت بىلەن پوسكام قاتارلىق ئىككى ناھىيە ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇ غەلىبىدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىنى يەكەن شەھىرىگە قۇرىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال قول ئاستىدىكى ئەسكەر باشلىقلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن شېڭ شىسەيگە: «باش قوماندان ئابدۇنىيازنىڭ قوماندانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنى قەشقەردىن يەكەنگە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش، تەمىناتىنى ھۆكۈمەتتىن بېرىش» قاتارلىق تەلەپلەرگە قوشۇلسا، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندايمىز، دەپ تەلەپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا شېڭ شىسەي نامدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆكۈمرانى بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە قارشى چىقىش دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى چىقىش دېمەك بولاتتى. بۇ ۋەزىيەتنى ياخشى بىلگەن ئابدۇنىياز كاماللار بىر ئاماللارنى قىلىپ مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگۈچە ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى.
ئىستالىننىڭ قورچاق ھۆكۈمەت باشلىقى شېڭ شىسەي ئۇ تەلەپلەرگە قوشۇلمايدۇ ھەمدە خوتەندە تۇرۇۋاتقان تۇڭگان ما خۇسەنگە «سەن ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورالسىزلاندۇرساڭ، مەن ساڭا ياردەم قىلسام» دەپ تېلېگرامما بېرىدۇ. ما خۇسەن «ماقۇل» دەپ قويۇپ، ئابدۇنىيازغا ئەلچى ئارقىلىق شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ ۋە «ئىككىمىز بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرساق» دەپ تەكلىپ بېرىدۇ. بۇ ئىنتايىن قالايمىقان ۋە ئېغىر ۋەزىيەتتە ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلار نەچچە كۈن كېڭەشكەندىن كېيىن ئاخىر ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇنىياز، ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ما خۇسەن ئەسكەرلىرىدىن 300 نى ئابدۇنىيازنىڭ قوشۇنىغا قوشۇپ بېرىدۇ. ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەن كېڭىشىپ، ما خۇسەن 1500 ئەسكىرى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ يېڭىشەھەردىكى لىيۇ بىڭ قىسىملىرىغا، ئابدۇنىياز 1300 ئەسكىرى بىلەن قەشقەر يۇمىلاق شەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىشقا كېلىشىدۇ. مويدىن تۈەنجاڭ بولسا 600 ئەسكەر بىلەن يوپۇرغىنىڭ تېرىم يېزىسى ئارقىلىق قەشقەر كونىشەھەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال قايتا-قايتا ئويلىنىپ، سوۋېتنىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىدىغانلىقىنى پەملەپ، ئاخىرقى قېتىم قەشقەردىكى سوۋېت ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى ئەلچىسىگە «سوۋېت ئىتتىپاقى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ باشپاناھى. شۇڭا ئاشۇ شوئارىغا ئاساسەن بىزگە ياردەم بەرسە، بىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئەمەس، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست ئۆتۈشنى خالايمىز. ئەگەر ياردەم بېرىشنى خالىمىسا بىتەرەپ بولۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندا خەت كىرگۈزىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يەكەندىن قوشۇنىنى باشلاپ قەشقەرگە ئاتلىنىپ، 29-كۈنى دۆلەتباغقا يېتىپ كېلىدۇ ۋە مەسلىھەتچىسى ھەم پولك كوماندىرى ئابدۇقادىر ھاجىنى[4] يازغان خەتنىڭ جاۋابىنى ئېلىشقا ئەۋەتىدۇ.
سوۋېت ئەلچىسى ئابدۇقادىر ھاجىغا: «ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيمىز ھەم ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز، بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەتراپىدىكى قوماندانلارغا:
- سوۋېتنىڭ بىزگە ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇلار شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ سىناپ باقتىم،- دېگەن.
ئابدۇنىياز كامال ئالدى بىلەن قەشقەر يارباغدىكى تۈرمىدە ناھەق يېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ، تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ، يارباغقا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئىسھاقبېك[5]، مەۋلانوف قوماندانلىقىدىكى قەشقەر ساقچى قىسىملىرى سېزىپ قېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، كېيىن مەغلۇپ بولۇپ، چېكىنىپ يۇمىلاقشەھەر سېپىلى ئىچىگە كىرىۋالىدۇ.
ئابدۇنىياز قىسىملىرى يۇمىلاقشەھەر سېپىلىنى قورشاپ ھۇجۇمنى باشلىغاندا، مەۋلانوف يارباغ تۈرمىسىدىكى مەمتېلى تەۋپىق (1937-1901)، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1937-1876) قاتارلىق 300 دىن كۆپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىگۇناھ مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىنى غالجىرلىق بىلەن قىرغىن قىلىپ، يېڭىشەھەرگە قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن يۇمىلاقشەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسمىدىكى بىر قىسىم جەڭچىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىماي، سېپىلدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
شۇ چاغدا ئابدۇنىيازنىڭ يازغان خېتىگە «...بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ جاۋاب بەرگەن سوۋېت ئەلچىسى بىردىنلا كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە قۇربان سەئىدى يۇمىلاقشەھەرنى ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەنگە تاپشۇرۇپ، قالدۇق قىسىملىرىنى ئېلىپ يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىدىغان بولىدۇ. كېلىشىمنامىگە ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەن قوشۇلۇپ تەڭ ئىمزا قويىدۇ.
ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغانلىقى نامەلۇم. بۇ يەردىكى ئەھۋال: ئابدۇنىياز قىسمى ھۇجۇم قىلغاندا يۇمىلاق شەھەردىكى شېڭ شىسەيپەرەس قۇربان سەئىدىنىڭ قىسىملىرى ئۆز قېرىنداشلىرىنى كۆرۈپ، سېپىلدىن چۈشۈپ ئابدۇنىياز قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق بولغاندا تەبىئىي ھالدا شېڭ شىسەينىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئابدۇنىيازنىڭ كۈچى كۈچىيىشكە باشلايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇمىلاق شەھەرمۇ تەبىئىي ھالدا ئابدۇنىيازنىڭ قولىغا ئۆتەتتى. ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەنلەر بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان بولسا كېرەك. ئەمما رۇسلار بۇ ئەھۋالنى مۆلچەرلەپ، ھاپىلا-شاپىلا كېلىپ ئارىغا چۈشكەن. نەتىجىدە يۇمىلاق شەھەر قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، قۇربان سەئىدىنىڭ قولىدىكى ئىككى مىڭ ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى شېڭ شىسەي ۋە سوۋېتنىڭ قولىدا قالغان. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن.
مۇشۇ كۈنلەردە، يەنى 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شېڭ شىسەينىڭ 10 ماشىنا ئەسكىرىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەنلىك خەۋىرى كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇنىياز بىلەن ما خۇسەن مۇزاكىرە قىلىپ، «ما خۇسەن قەشقەردە قېلىپ شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش، ئابدۇنىياز 1400 ئەسكەرنى باشلاپ (300 ى تۇڭگان) مارالبېشىغا بېرىپ، ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى توسۇش»نى قارار قىلىدۇ. قارارغا بىنائەن ئابدۇنىياز كامال 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 7-كۈنى مارالبېشىغا يېتىپ كېلىدۇ.
ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شېڭ شىسەينىڭ 10 ماشىنىدا كەلگەن (تەخمىنەن 400 چە) ئەسكىرى مارالبېشى سېپىلى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، سېپىل ئىچىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئابدۇنىياز قىسىملىرى بولسا تېخىمۇ شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي ئىلگىرىلەپ، سېپىل دەرۋازىسىغا ئوت قويۇۋېتىدۇ. كېيىن دەرۋازىدىن بۆسۈپ كىرمەكچى بولغاندا، دۈشمەن قوشۇنلىرى ماشىنىغا ئورنىتىلغان پىلىموتتىن تەڭ ئوق چىقىرىپ، سېپىل ئىچىدىن قېچىپ چىقىدۇ. ئابدۇنىياز قىسىملىرى توسۇپ زەربە بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يوقىتىدۇ. دۈشمەننىڭ ئىككى ماشىنا ئەسكىرى قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىپ قاچالايدۇ. ئەمما بۇلارمۇ قېچىپ تۇمشۇققا كەلگەندە، ئابدۇنىيازنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ يوقىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مارالبېشىمۇ ئازاد بولىدۇ.
ئابدۇنىياز كامال يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلىشىپ ئاساسى قىسمىنى مۇداپىئەدە تۇرغۇزىدۇ. ئاقسۇنىڭ ئايكۆل دېگەن يېرىگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن قىسمىنى قايتا تەشكىللەپ بىر پولىكنى قۇمباشقا، بىر پولىكنى ئاۋاتقا، بىر پولىكنى غورىچۆلگە، بىر پولىكنى دەريا بويىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. داۋۇت قارى ئىسىملىك روتا كوماندىرىنى 100 ئەسكەر بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش ئۈچۈن كۇچا، شايارلارغا ئەۋەتىدۇ. داۋۇت قارى تەدبىرلىك ئادەم ئىدى. ئۇ قىسقا ۋاقىتتا ئەسكەرلىرىنى 500 گە يەتكۈزۈپ ئۇلارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، شايار، كۇچا، بۈگۈر ھەتتا قاراشەھەرلەرگىچە ئىلگىرىلەپ غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىدۇ. كۇچادا بولغان ئۇرۇشتا شېڭ شىسەينىڭ بىر ئىنىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. دۈشمەن ئارقا سېپىنى پاراكەندە قىلىپ، شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى ھۇجۇممۇ قىلالمايدىغان ياكى چېكىنەلمەيدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
داۋامى بار ...
ئالاقىدار يازمىلار:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8747
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8757
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8764
[1] قۇربان سەئىدى، 1892-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ شېڭ شىسەيگە بويسۇنسىمۇ يەنىلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 1939-يىلى تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
[2] ئابدۇنىياز كامال: 1910-يىلى تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى كامال، ئانىسى توختىخان. 1917-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە 15 يىل مەھەللىسىدىكى ئاقتاش مەدرىسىگە كىرىپ زاكىر موللام دېگەن كىشىدە ئوقۇغان. بالا ۋاقتىدىلا مەھەللىسىدە «قوچقار پالۋان» دەپ نامى چىققان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، بىر كۈنى ئابدۇنىياز كامالنى موڭغۇللارنىڭ يۇلتۇز (بايىنبۇلاق)دا ئۆتكۈزۈلىدىغان داڭلىق نادام بايرىمىغا ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ بايرامدا موڭغۇللارنىڭ پالۋانلىرى بىلەن ئەر مەيدانىغا چۈشۈپ ئېلىشىپ، ئەڭ داڭلىق موڭغۇل پالۋىنىنى يېڭىپ، شۇ يىلقى نادام بايرىمىنىڭ پالۋىنى بولغان ھەمدە غالىب پالۋانغا مۇكاپات ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئاق بوز ئات بىلەن تارتۇقلانغان. بۇ موڭغۇللار ئارىسىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئابدۇنىياز كامال ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ئۇرۇشلاردا مۇشۇ ئاق بوز ئېتىنى ئىشلەتكەن. ئابدۇللا تالىپ (2005-1926)نىڭ بۇ ئاتقا بېغىشلانغان «ئېگەرلىك ئات» ناملىق پوۋېستىمۇ بار. ئۇ 1932-يىلى 12-ئايدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
[3] مويدىن پولىك كوماندىرى (تۈەنجاڭ)، 1903-يىللار ئەتراپلىرىدا كۇچادا تۇغۇلغان. كەسپى تۇماقچى. سوۋېتپەرەس. ئۇ قەشقەردە ئەپيۇن چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغاچقا قولغا ئېلىنغان. شۇ چاغدا 33-پولكنىڭ تۈرمىسىدە ئىدى.
[4] ئابدۇقادىر ھاجى: 1904-يىلى ئاتۇش تېجەندە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى ياقۇپ. ئۇ دىنىي مەكتەپنى تېجەندە، پەننىي مەكتەپنى قاراقولدا ئوقۇغان، سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەن. ئوسمان ئېلى قىسمى قەشقەرگە كىرگەندە، ئۇ نەچچە يۈز ئەسكەر تەييارلاپ كېلىپ ئوسمان ئېلىنىڭ قول ئاستىدا پولك كوماندىرى بولغان. مەخمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامالنىڭ قوشۇنىغا قېتىلغان. ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى يوقىتىلغاندا ئامان قېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن. 1947-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1987-يىلى 83 يېشىدا ۋاپات بولغان (ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ «1933-يىلدىن 1937-يىلغىچە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى خىتاي تەرىپىدىن قالايمىقان قىلىۋېتىلگەن، ھەم 1949-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان جەريان يېزىلمىغان (ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈشى لازىم).
[5] ئىسھاقبېك، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»(23)نىڭ 259-بېتىدە 1902-يىلى، «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابنىڭ 33-بېتىدە 1900-يىلى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دەپ يېزىلغان. مىللىتى قىرغىز. 1945-يىلى 4-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ جۇمھۇر رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سوۋېتنىڭ ئايروپىلانى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ يىغىنىغا ماڭغاندا، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى «ئايروپىلان ۋەقەسى» نامىدىكى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.