خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمى ئاقسۇ-لەنجۇ ئاۋات ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئوخشاش كۈندە يەنە خىتاينىڭ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاقسۇ-يەكەن-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. بۇ لىنىيەدە ھەر كۈنى بىر قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى خىتايغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ