شەرقىي تۈركىستاندىن يېرىم يىلدا 60 مىليارد كىلوۋات سائەت توك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بۇلاڭ-تالاڭلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 327 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.

بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 21 مىليارد 174 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %35.72ىنى ئىگىلىگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان توك بايلىقى ئارقىلىق، ھەرجەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 6 مىليون 405 مىڭ 100 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە باراۋەر ئىكەن.

 

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان غايەت زور بايلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇلاڭ-تالاڭنىڭ كۆلىمى، تۈرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 2532 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2024 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق