پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيەنى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئاگاھلاندۇردى

ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، گۇرۇپپا مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجۇ 26-ئىيۇل تۈركىيە پارلامېنتىدا خىتاي توغرۇلۇق مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كاۋۇنجۇ تۈركىيەدىكى خىتاي مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپلەرنى، خىتاي مەبلىغىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي يامان تەسىرلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەسىلىسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: »تۈركىيەدە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا قارىتا ئىشەنگۈسىز بىر ئېغىش بار. مەسىلەن: ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدە خىتاينىڭ BYD شىركىتىگە تۈركىيەدە مەبلەغ سېلىشىغا مەلۇم جەھەتتە ئىلھام بېرىلدى. ئەلۋەتتە، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ياخشى ئىش، مىللەتچىلىك نۇقتىسىدىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دېگىلى بولمايدۇ. ئىنشائاللاھ دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار كەلسە ياخشى. ئەمما بىزنىڭ بىر Togg ىمىز بار. دۆلىتىمىز بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ھەم نۇرغۇن جايلاردا قارشى ئېلىپ تەقدىرلىدۇق. ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتقان ھالدا، بۇ خىل يېڭىلىقنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. ئەمما نۆۋەتتە ماشىنا ساھەسىدە خىتايغا بېرىلگەن بۇ ئىمتىيازلاردا تۈركىيەنىڭ Togg  ىغا سالغان مەبلىغىگە نىسبەتەن چوڭ خەۋپ مەۋجۇت».

ئۇ سۆزىدە يەنە پەقەت ئاپتوموبىل سانائىتىدىلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىمۇ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا چوڭ يول ئېچىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە پەقەت سودا ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئاكتىپ ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن ھامان، مەلۇم قەلەمكەشلەرنىڭ خىتاينىڭ پايدىسىغا ماقالە يېزىۋاتقانلىقى، تۈركىيەدە پۈتۈنلەي خىتايغا ياكى رۇسىيە تەرەپكە مايىل بولۇپ، يۆنىلىش ئۆزگەرتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كاۋۇنجۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردە قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئەركىن ئەمەسلىكىنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل خىتاي زېھنىيىتى تۈركىيە مايىل بولىدىغان بىر زېھنىيەت ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەر قايسى دۆلەت ۋە ساھەدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتايغا كەلگەندە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، خىتاي بىلەن قىلىنىدىغان ھەر بىر ئىش، ھەر بىر كېلىشىمنىڭ ناھايىتى جىددىي ھالدا ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ Togg دەك يەرلىك بىر ماركىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ قارشىسىغا خىتاينىڭ  BYD ماركىسىنى كەلتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەھمەت كاۋۇنجۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىرەر گەپ قىلىنغاندا، تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ قول چوماقچىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى مەلۇم ئاخبارات ئورگانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1207 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2024 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق