شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (5)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (5)

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ ئىشتىن كېيىن مەخمۇت مۇھىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى. بىرى، جاننى تىكىپ قويۇپ ئىشەنچ بولمىغان جەڭگە ئاتلىنىپ قان تۆكۈش؛ يەنە بىرى پەشنى قېقىپ چەتكە چىقىپ كېتىش. ئامالسىز قالغان مەخمۇت مۇھىتى كېيىنكى يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن ئۆزىنى كېچە-كۈندۈز پايلاپ تۇرغان گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭنى قانداق ئازغاشتۇرۇپ قەشقەردىن چىقىپ كېتىش بىر مەسىلە ئىدى.

قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىلى ئىچىدىكى گارنىزون ئىشتابىنىڭ ھويلىسىدا ئەتىگەنلىك ھەربىي مەشىق قىلىۋاتاتتى. سېپىل قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ يېتىپ كېلىدۇ.

- دوكلات قوماندان،- دەيدۇ نۆۋەتچى ھەربىيچە سالام بېرىپ،- سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار دۇربۇندا 40-30 ئاتلىق ئادەمنىڭ كونىشەھەر تەرەپتىن بىز تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. مەن قاراپ باقسام ئۇلار گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى ۋە ئادەملىرى ئىكەن. ئۇنى تونۇۋالدۇق.

ليۇ بىڭ سەل جىددىلەشكەندەك بولۇپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ. كېيىن ئالدىدىكى ئىككى ئوفىتسېرگە قاراپ:

- سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار ھەسسىلەپ كۆپەيتىلسۇن، سېپىل ئىچى جىددىي ھالەتكە ئۆتسۇن،- دەيدۇ.

ئاتلىقلار سېپىلگە يېقىنلاشقاندا ليۇ بىڭ رەسمىي ھەربىي كىيىم بىلەن بىرنەچچە ئادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ليۇ بىڭ:

- گېنېرال جانابلىرى ئامان بولغاي،- دەيدۇ ئوچۇق چىراي بىلەن. مەخمۇت مۇھىتى ئېتىدىن چۈشۈپ تەكەللۇپ بىلەن:

- ئۇنداق بولامدىغان، ئەتىگەندە جانابلىرىنى مالال قىلىپتىمىز، ئالدىلىرىدا خىجىلمەن. ئۇزۇندىن بۇيان يەپ يېتىپ ھۇرۇنلىشىپ قالدۇق، ھاۋا يېگەچ ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان، جانابلىرى بەھۇزۇر ئارام ئالغاي. مەخمۇت مۇھىتى قولىنى كۆكسىگە قويغاندىن كېيىن ئېتىغا مىنىپ ھەمراھلىرى بىلەن سېپىل ياقىلاپ سەھرا تەرەپكە يۈرۈپ كېتىدۇ.

ليۇ بىڭ ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن كەينىگە ئادەم قويىدۇ. ئاتلىقلار يېزا يوللىرى بىلەن ئاتلىرىنى تەكشى يورغىلىتىپ خېچىرچىغىچە بارىدۇ. كېيىن ئۆستەڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئازراق دەم ئالىدۇ. ئاندىن يەنە ئاتلىق كەينىگە قايتىپ سېپىل تۈۋىدىن ئۆتۈپ، كەلگەن يولى بىلەن ئۇدۇل شەھەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىگەنلىك چېنىقىش ھەر كۈنى ئۆز قەرەلىدە بولۇپ تۇرىدۇ. ئاتلىقلار بېرىپ-قايتىشتا ھەر قېتىم سېپىل تۆۋىدىن ئۆتكەندە قاراۋۇللار بىر قېتىم جىددىيلىشىدۇ، كۈنلەر ئۆتكەنچە بۇنداق جىددىيلىشىشمۇ پەسلەپ بارىدۇ.

بىر كۈنى مەخمۇت مۇھىتى يەنە شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. تېلېگراممىدا ئۆزىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئۇقتۇرۇلغانىدى. مەخمۇت مۇھىتى بۇنىڭ ئۆزىگە قۇرۇلغان قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەيگە مۇنداق دەپ جاۋاب تېلېگرامما يازىدۇ: «شېڭ دوبەن جانابلىرى، كەمىنە ئۈرۈمچىگە بېرىشىم ھەققىدە تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھازىر قەشقەردىكى ھەربىي قىسىمنىڭ ئىچى تىنچ ئەمەس. بىر قىسىم جاھىل ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بويۇنتاۋلىق قىلىپ، جاھاننى مالىمان قىلىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەن يوق مەزگىلدە ئىش تېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا ھازىرچە ئاغام مۇسۇل ھاجى[1] ھۇزۇرلىرىغا بارىدۇ. بۇ يەردىكى ئىشلار ئىزىغا چۈشكەن ھامان ئۆزۈم قوبۇللىرىغا بارىمەن».

دېمىسىمۇ شۇ مەزگىللەردە مەخمۇت مۇھىتىنىڭ بىر قىسىم قوماندانلىرىنىڭ قوزغىلىپ جەڭ بىلەن ئىشنى ھەل قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى شېڭ شىسەي بىلىپ تۇراتتى. ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا تېرەك بولمىسا، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيتتى. شۇڭا شېڭ شىسەي مەخمۇت مۇھىتىنىڭ جاۋابىغا باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەي ئۇنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ كېچە - كۈندۈز سۆھبەتلىشىدۇ. سۆھبەت جەريانىدا مۇسۇل ھاجى باشتىن-ئاخىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي جىمجىت ئولتۇرىدۇ. ئۇ پەقەت تايىنىپ ئولتۇرغان ھاسىسىنىڭ ئۇچىنى پات-پات تاختايلىق پولغا توك-توك ئۇرۇپ قويىدىكەن. ئۈچىنچى كۈنى شېڭ شىسەي تەكەللۇپنى قويۇپ:

- ھاجىم، ئۈچ كۈن بولدى، بولۇنغان گەپكە بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قىلمىدى، مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنگەنمىدۇ؟- دەيدۇ.

مۇسۇل ھاجى:

- يىغىپ كەلگەندە - دەپ ھاسىسىنى يەنە بىر قېتىم توك-توك ئۇرۇپ قويۇپ:

- مۇشۇ زېمىننىڭ ئىشى ئىكەن،- دەيدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھېچقانداق سۆز قىلمايدۇ، ئۇ مۇسۇل ھاجىنى تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرى مەنسىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قالىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەيگە مۇنداق مەزمۇندا يەنە بىر تېلېگرامما يازىدۇ: «ھازىر قەشقەردىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىچى بىر قەدەر تىنچلاندى. كەمىنە مەن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەييارلاندىم. شۇندىمۇ ئەمدىلا تەرتىپكە چۈشكەن ھەربىي ئىچىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن يوق مەزگىللەردە ھەربىي ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشى ئاغام مۇسۇل ھاجىمنىڭ قەشقەردە تۇرۇپ بەرمىكى زۆرۈردەك تۇرىدۇ. مۇسۇل ھاجىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ھامان يولغا چىقىمەن».

مەخمۇت مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە ئەكېلىش شېڭ شىسەينىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۆزلەپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر نىشانى ئىدى. شېڭ شىسەي ئىشنى ئاسانراق ھەل قىلىشنى ئويلايتتى. ئۇ سەل گۇمانلانغان بولسىمۇ، مۇسۇل ھاجىنى دەرھال قەشقەرگە يولغا سېلىۋېتىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى تۇرپاندىكى بىر كارىزىنى 400 سەر ئالتۇنغا ساتىدۇ. يەنە باشقا مال-مۈلكىنى 400 سەر ئالتۇنغا سېتىپ، 800 سەر ئالتۇن تەييارلايدۇ. بۇلاردىن 400 سەر ئالتۇننى ئابدۇقادىر داموللا دېگەن كىشىگە تاپشۇرۇپ چەت ئەلگە ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، يول ئۈستىدە شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ كېتىدۇ.

1937-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى[2] ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا مەخمۇت مۇھىتى مىڭ بېشى ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى قوشۇلۇپ، تۇرپانلىق باي ئاخۇن ئەزىزى، قەشقەر قىزىل دۆۋىلىك توختى ھاجى، تۇرپانلىق ھەمدۇللا (بۇ ئادەم لاداخ يولىنى ئوبدان بىلەتتى) ئابدۇللا داموللا نەيىم قاتارلىق 30 نەچچە يېقىن ئادىمى بىلەن يېڭىشەھەر سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە، سېپىل ئۈستىدىكى خىتاي ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنى قولتۇقلىشىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇشىدۇ. ئاتلىقلارنىڭ مەشىقتىن قايتقان-قايتمىغانلىقى بىلەنمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. مەخمۇت مۇھىتىلار قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە، ئىبراھىم پولك كوماندېرى (تۈەنجاڭ) ئېتىنى سۇغارغان بولۇپ، دەريا ئىچى بىلەن قاچقىنىچە ئۇدۇل قەشقەردىكى سوۋېت ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتىلار شۇ ماڭغانچە يېڭىسارغا يېتىپ بارىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى مېڭىش ئالدىدا 2-پولكنىڭ كوماندېرى قۇربان نىياز شاھىدى باشلىق كوممۇنىستپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن شايارلىق پودپولكوۋنىك ياقۇپقا بۇيرۇق قىلىدۇ. پودپولكوۋنىك ياقۇپ، ليەنجاڭ رەخمىتۇللا قارى، لۈكچۈنلۈك سالى ليەنجاڭ ۋە ئابدۇللا ئاخۇنلار بىلەن بىرلىكتە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. شۇ كۈنى دەل نامازشامدا ياقۇپ تاپانچا بىلەن قۇربان نىيازنى ئاتىدۇ. قۇربان نىياز ئۆلمەي پۇتى يارىدار بولىدۇ. ياقۇپ تاپانچىدىن ئىككىنچى ئوقنى ئۈزۈۋاتقاندا ئىشتاب خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ياقۇپنى ئاتىدۇ. ياقۇپ يارىدار بولۇپ تۇتۇلىدۇ. ناماز شامغا 20 مىنۇت قالغاندا پىلان پۈتۈنلەي پاش بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇربان سەئىدى قارى ليەنجاڭ، سالى ليەنجاڭ قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئىشخانىغا چاقىرىپ ئېتىپ تاشلايدۇ. ئىشتاب ئىشخانىسىغا چاقىرتىلغانلارنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن قارى ليەنجاڭ، سالى ليەنجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئالدىنئالا توقۇپ تەييارلاپ قويغان ئاتلىرىنى مىنىپ ئۇدۇل يېڭىسارغا قاچىدۇ. قەشقەردىكى 2-پولكنىڭ قالغان ئەسكەرلىرىمۇ چېكىنىپ، يېڭىسارغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى مەخمۇت مۇھىتىغا دوكلات قىلىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى 33-پولكنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇنىياز كامالنىڭ 1-روتاسىنى ياپچانغا مۇداپىئەدە تۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئارقىدىنلا يېڭىسار ھاكىمى (ئۇيغۇر)، باجخانا باشلىقى (خىتاي) ۋە ساقچى باشلىقى (خىتاي) قاتارلىق ئۈچ كىشىنى چاقىرتىپ كېلىپ پولك ئىشتابىدا سوراق قىلىدۇ. كېيىن ھاكىمنى قويۇۋېتىپ ئىككى خىتاينى ئېتىۋېتىپ يولغا چىقىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى يېڭىساردىن يولغا چىقىپ توپلۇق دېگەن يەرگە كەلگەندە خوتەندىن قايتقان ئەنگلىيە ئەلچىسىگە؟ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يېرىم سائەت سۆزلەشكەندىن كېيىن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بولىدۇ.

گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى شۇ ئاخشىمى يېڭىساردىن يولغا چىقىپ لاداخ يولىغا چۈشىدۇ. كاچۇڭغا كەلگەندە قەشقەر گارنىزونى قورال-ياراغ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياس ئېشەككە مىندۈرۈلۈپ، قولىغا كويزا سېلىنغان ھالدا كەلتۈرۈلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى ئىلياستىن:

- سەن قەيەرلىك؟ دەپ سورايدۇ. ئىلياس:

- مەن تۇرپانلىق، تەقسىر،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

- سەن مۇسۇلمانمۇ؟- دېگەندە، ئىلياس:

- ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى دەر غەزەپ بولۇپ:

- ياق، يالغان، سەن كاپىر! ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتىڭ، مەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە كۆپرەك قورال-ياراغ، ئوق-دورا بەر، دېسەم بەرمىدىڭ ئەمەسمۇ؟! بەدبەخ، ئۇ قوراللار ماڭا لازىم ئىدى،- دەيدۇ. ئىلياس:

- گېنېرال ليۇ بىڭدىن بۇيرۇق بولمىسا قانداق بېرەلەيمەن،- دەيدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى:

- مەنچۇ؟ مەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ.

- ئىلياس:

- ئۆزلىرىمۇ گېنېرال،- دەيدۇ.

- مەخمۇت مۇھىتى تېخىمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ:

- ھەي بەدبەخ، خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلايسەنۇ، مېنىڭ گېپىمنى نېمىشقا ئاڭلىمايسەن؟ سەن مەلئۇن ئورۇس كونسۇلى بىلەن ليۇ بىڭغا جاسۇسلۇق قىلدىڭ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى، ۋەتىنىڭنى ساتتىڭ، ئەمدى ساڭا ئوق زايە كېتىدۇ، قىلىچ بىلەن چېپىش كېرەك،- دەيدۇ ۋە ئارقىدىن: خەير بوپتۇ، ئېتىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ ۋە يەرلىك كىشىلەرگە: ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويۇڭلار، دەپ تاپىلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى يەكەنگە بېرىپ ما خۇسەن قىسىملىرىغا:

- مەن شېڭ دوبەن بىلەن بۇزۇلۇشۇپ قايتىپ چىقتىم، خوتەنگە بېرىپ ماخۇسەن بىلەن كۆرۈشىمەن، دەپ خەت يېزىپ ئەۋەتىدۇ. تۇڭگانلار ھەيران بولىدۇ ھەم خۇشال بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى كەلگۈدەك، دەپ ئۆتەڭ-ئۆتەڭلەرگە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تەييارلىق كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لاداخ يولى بوش قالىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى كۆكيارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى قوغداپ كەلگەن ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلىپ:

-بىز ھىندىستانغا ماڭدۇق، مەقسىتىمىز چەت ئەلدىن ياردەم ئېلىپ قايتا ئىنقىلاب قىلىش. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېتنىڭ مېنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى. ئۇلار ھېچبىر ئىلاج قىلالماي ئۆز ئادەملىرىم ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. مەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن سوقۇشۇشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق قوماندان، ئەسكەرلىرىمىز ئىچىدە مۇناپىقلار كۆپىيىپ قوراللىق ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى قالماپتۇ. ئاخىر بولالماي ئەزىز ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ چەتئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن بىر يىل ئىچىدە قايتىپ كېلىمەن، شۇنىڭغىچە قولۇڭلاردىكى قورالنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر مەن كەلمەيدىغان بولسام قىيامەت كۈنى قولۇڭلار ياقامدا بولسۇن! ھۆكۈمەتنىڭ يامان كۆرگەن ئادىمى مەن، سىلەرگە ھېچ گەپ كەلمەيدۇ. بۇرادەرلىرىم، بالىلىرىم، سىلەر جاپا چېكىپ بۇ يىراق يەرگىچە كەلدىڭلار، مەن سىلەردىن ئۇ دۇنيا ھەم بۇ دۇنيا رازى، سىلەرمۇ مەندىن رازى بولۇڭلار،- دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەخمۇت مۇھىتىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن پۈتۈن ئوفىتسېر، ئەسكەرلەر قاتتىق يىغلاپ جاڭگالنى بىر ئالىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى ئەسكەرلەرگە پۇل تارقىتىپ بېرىدۇ. ئەسكەرلەر ئۇزۇن يىللىق رەھبىرى مەخمۇت مۇھىتىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كاچۇڭغا قاراپ يول ئالىدۇ.

شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى 1937-يىلى 4-ئايدا ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى قاتارلىق قول ئاستىدىكى ئىشەنچلىك 30 نەچچە ئادىمى بىلەن ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيەسى قوماندانسىز قالىدۇ.

داۋامى بار ...

 

ئالاقىدار يازمىلار:

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8747

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8757  

 



[1] مۇسۇل ھاجى (مۇسۇل ھاجى مۇھىتى): مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى، 1870-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. تەرەققىيپەرۋەر باي ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. تۇنجى قېتىم رۇسىيەدىن ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، تۇرپاندا پاختا زاۋۇتى قۇرغان. 1912-يىلى تۇنجى قېتىمدا تاتارىستاندىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ، تۇرپاندا ئۆز خىراجىتى بىلەن پەننىي مەكتەپ ئاچقان. 1941-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا 71 يېشىدا ۋاپات بولغان.

[2] بەزى تارىخلاردا مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ ماڭغان ۋاقتى 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (جۈمە كۈنى) دەپ يېزىلغان.

بۇ خەۋەر 1291 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2024 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق