شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (11)

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەسچىتنى قالدۇرۇپ قويۇپ، كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىكىنى، چېقىلمىغان مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشنى چەكلەپ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىسلام دىنىنى، مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن. گەرچە ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەرنى چاقماي قالدۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، بۇ مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشنى چەكلەپ، مال بېسىپ، ئامبار قىلىپ ئىشلەتكەن ياكى پوچتىدىن كەلگەن پوسۇلكىلارنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتلارغا ئۆزگەرتكەن.

شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندا تۆت مەسچىت بار بولۇپ، خىتاي مەسچىتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك، كۆركەم بېزەلگەن ئۈچ مەسچىتنى چېقىۋەتكەن، كونىراپ قالغان بىر مەسچىتنى چاقماي قويۇپ قويغان. چېقىلمىغان مەسچىتنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىملىك تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنە ئورناتقان بولۇپ، ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىملىك سۈركىگەندىن كېيىن ئاندىن كىرەلەيدىغان قىلىپ قويغان. خىتاي ناماز ئوقۇغانلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالايدىغان بولغاچقا، كىشىلەر كىملىك سۈركەپ مەسچىتكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىمۇ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى مەسچىتكە كىرەلمىگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ناماز ئوقۇشنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنى ھەر خىل باھانە ۋە تۆھمەتلەر بىلەن جازالاپ تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامىغان. بۇ سەۋەبلىك ھازىر مەسچىتكە كىرىدىغان كىشى قالمىغان. شاھىتنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇشۇ دەرىجىدە ئىكەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەلدىن ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، پەلەستىن مەسىلىسىدە پەلەستىن خەلقىنى قوللىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2861 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2024 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق