خىتايغا قارشى «ئامېرىكا-ھىندىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقى قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

امېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 25-ئىيۇل «ئامېرىكا-ھىندىستان مۇداپىئە ھەمكارلىق قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتقان خىتايغا قارشى بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇبىيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا-ھىندىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خىتايدىن كەلگەن تەسىرگە قارشى زەربە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېڭى دېھلى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوقۇم كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

1. ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغان، ھىندىستانغا رەقىبلەرنى توسۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىدىغان، شۇنداقلا مۇداپىئە، پۇقراۋى ئالەم بوشلۇقى، تېخنىكا، دورىگەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر سىياسەت باياناتى تۈزۈپ چىقىش.

2. ھىندىستان ئارمىيەسى نۆۋەتتە رۇسىيەدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى «ئامېرىكا دۈشمەنلىرىگە قارشى زەربە بېرىش قانۇنى» بويىچە يۈرگۈزۈلگەن جازادىن چەكلىك دەرىجىدە كەچۈرۈم قىلىش.

3. ھىندىستانغا مۇداپىئە بۇيۇملىرى، مۇداپىئە مۇلازىمەتلىرى، لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش مۇلازىمەتلىرى ھەمدە مۇھىم مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى تەستىقلاشنى تېزلىتىشنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ تەھدىتنى توسۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدەك پارلامېنت پىكرى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.

4. تېخنىكا يەتكۈزۈش جەھەتتە ھىندىستاننى ياپونىيە، كورىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش.

5. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ھىندىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش.

6. ئىككى يىل ئىچىدە ھىندىستانغا «زىيادە مۇداپىئە بۇيۇملىرى»نى تېزلىكتە يەتكۈزۈپ بېرىش... قاتارلىقلار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى قانۇن چىقىرىش تەرتىپىگە ئاساسەن، پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇشى پەقەت بىرىنچى قەدەم بولۇپ، بىر قانۇن لايىھەسى مۇناسىۋەتلىك كومىتېتتىن ئۆتۈشى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئوخشاش تېكىستلىك نۇسخىنى ماقۇللىشى، ئاندىن پىرېزىدېنتقا ئىمزالاش ئۈچۈن تاپشۇرۇلۇشى قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1567 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2024 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق