شەرقىي ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە، شەرقىي ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى 26-ئىيۇل لائوستا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ دەل خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ بىر نەچچە ئەزا دۆلىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زېمىن تالاش-تارتىشلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تالاش-تارتىشلار ھەتتا بىۋاسىتە توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان. شۇنداقلا بۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرمۇ كۈچەيگەن.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن: «جەنۇبىي دېڭىزدا بىر قەدەم خاتا بېسىلسا، كىچىك بىر ئوت قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىرىدىن ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي بىلەن زىددىيىتى بار بولۇپ، ھىندونېزىيەمۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا دەخلى قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز قاتناش يوللىرىدىن بىرى بولغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» سىياسىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ رايوندا مۇنتىزىم ھەربىي مانېۋىر ۋە كۆزىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭ ئىچىگە خەلقئارالىق دېڭىزلاردا ئەركىن قاتناش ھوقۇقىغىمۇ كىرىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتاي ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1412 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2024 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق