غەربنىڭ جازاسى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ئالاقىسىنى قىيىنلاشتۇردى

غەربنىڭ تۈرلۈك جازالىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ئالاقىسىنى قىيىنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ چېگرا ھالقىغان رەقەملىك سودا سۇپىسىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان مالىيە جازاسى خىتاي-رۇسىيە سودا راسچوتىنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرغاچقا، ئىككى تەرەپ چېگرا ھالقىغان رەقەملىك سودا سۇپىسىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 25-ئىيۇل خىتاي-رۇسىيە چېگرا ھالقىغان رەقەملىك سودا سۇپىسىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان خەۋەردە يۇقىرىقى خۇلاسە چىقىرىلغان.

2013-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «چىفا خىتاي-رۇسىيە چېگرا ھالقىغان رەقەملىك سودا سۇپىسى» ئەسلىدە پەقەت خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى رۇسىيەگە ئەۋەتىش ئۈچۈن رەقەملىك تۆلەش مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلگەن. ئەمما بۇ يىلدىن باشلاپ رەقەملىك راسچوت مۇلازىمىتى خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ سودىسىغا كېڭەيتىلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا خىتاي-رۇسىيە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي بانكىلىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك جازا قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ بانكىلارنىڭ قارارغا رىئايە قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىيىۋاتقان سودا راسچوت مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ۋە راۋان ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئىكەن.

بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك جازا تەھدىتىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا راسچوتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان خىتاي بانكىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايغان. بەزى كىچىك، مەخپىي ئىشلەيدىغان رايونلۇق بانكىلار جازا خەۋپىگە قارىماي راسچوت مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەش ئۇسۇلى يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئاستا بولۇپ، ھېساب-كىتاب ۋە تۆلەم مەسىلىلىرىدە توسالغۇ پەيدا بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1667 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2024 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق