خىتاي چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى يەنە ئەندىشىگە سالدى

خىتاي مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا تۈزىتىلگەن نۇسخىدىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قانۇنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان چەكلىمىلەرنى ئۆزگەرتكەن ھەمدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسەتسىز چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلىگەن.

خىتاي رېجىمى 22-ئىيۇل «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىش نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نىزامنامىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان خىتاي ئەمەلدارى بۇنى خىتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىدە غەرب بىلەن بولغان رىقابىتى كۈچەيگەن مەزگىلدە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى، نىزامنامىدە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى ئون يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، خۇسۇسىي كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچراپ، ئىستېمال سەۋىيەسى داۋاملىق ئاجىزلاپ، نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقالغان. ئىشسىزلار سانى نەچچە ئون مىليونغا يەتكەن بولۇپ، مەركىزىي ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى كۆپىيىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ مەزگىلدە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتقان. بۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىغا قايتىدىن سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ شەكلى بارغانسېرى رەقەملەشتۈرۈلگەن ۋە تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش خەۋپى خىلمۇخىل يوشۇرۇن خەۋپكە دۇچ كەلمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1599 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2024 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق