شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (10)

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلىشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئادەتتە يوشۇرۇن ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنى بايقىغان تەقدىردە، باشقا باھانىلەر ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىپ جازالايدىكەن، ئۇلارنى ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقانلىقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى خىتاي خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادىتىنى چەكلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت تېررور سىياسىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

شاھىت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: «خەلق ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالدى. ناماز ئوقۇش پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، كىشىلەر ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. چەت ئەل مۇخبىرلىرى ياكى ئالاقىدار چەت ئەل ئۆمەكلىرى زىيارەتكە كەلگەن ھامان يەرلىك ئەمەلدارلار شۇ ھامان دوپپا كىيىپ، مەسچىتكە چىقىپ ناماز ئوقۇشقا تەشكىللەيدۇ. ئۇزۇندىن بېرى تاقالغان مەسچىت ئېچىلىدۇ، بۇيرۇق بويىچە ناماز ئوقۇش چەكلەنمىگەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىمىز. كامېرالار بەس-بەستە سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئالىدۇ. زىيارەتچىلەر قايتقاندىن كېيىن، ھەممە ئىش ئەسلىگە قايتىدۇ. جۈملىدىن ئۆزۈممۇ ناماز ئوقۇمىغىلى ئۇزاق بولۇپ كەتتى» دېدى.

شاھىت يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدە نارازىلىق سۆزلەرنى قىلغان ھامان خىتايلارنىڭ ساقچىلارغا چاقىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتايلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئىلگىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئاساسەن يوق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نارازىلىق كۈچەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەلدىن ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2893 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2024 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق