شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (4)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (4)

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ كۈنلەردە مەخمۇت مۇھىتى بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى ئۆلكە مۇئاۋىن رەئىسى نامى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئاپىرىۋالغاندىن كېيىن ئاساسلىق نىشانىنى مەخمۇت مۇھىتىنى يوقىتىشقا قاراتقانىدى. بۇلاردىن باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئەتراپىغا شېڭ شىسەي نامىدىن ھەربىي مەسلىھەتچى گېنېرال ۋە «ساقاللىق گېنېرال» دەپ ئاتالغان رابالكىن (رىبالكو)، ئوبوخوف دوتكىن قاتارلىق بىر مۇنچە ھەربىي كوماندىرلار ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ سوۋېت تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئادەم ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1934-يىلىدىن باشلاپ مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئىشەنچلىك قوماندانلىرىدىن مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى قۇربان سەئىدى، تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى، سايىم ئاخۇن، ئۈرۈمچىلىك ئابدۇللا ئەپەندى، توقسۇنلۇق ئەخمەت مەسۇمى قاتارلىق بەش كىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. بۇلار 1935-يىلىنىڭ ئاخىرى تاشكەنتتىكى ھەربىي مەكتەپنى «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» بىلەن تاماملاپ قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن، «6-دىۋىزىيەنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز» دەيدۇ. مەخمۇت مۇھىتى «ئالدى بىلەن يېڭى قوراللارنى بېرىڭلار، ئاندىن كونا قورالنى بېرىمىز» دەپ شېڭ شىسەينىڭ پىلانىنى بۇزىدۇ.

شېڭ شىسەينىڭ مەخمۇت مۇھىتىنى قورالسىزلاندۇرۇش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، توقسۇنلۇق غوپۇر تۈەنجاڭ، قۇمۇللۇق سالى لۈيجاڭ، شايارلىق (توقسۇلۇق) ھەمدەمبەگ ھاجى[1]، پولات تۈەنجاڭ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى نىزامىدىن ئەپەندى... قاتارلىق پېشقەدەملەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، مەخمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ.

شېڭ شىسەي يەنە قەشقەر شەھىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ، كەڭ ئىشپىيونلۇق تورى ئارقىلىق مەخمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى قاتتىق نازارەتكە ئالىدۇ. يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلۇغچاتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر قىسىم قىرغىز ئەسكەرلەرنىمۇ مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوشۇنىغا قوشۇۋېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ھەر خىل ناملار بىلەن ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى چىقالمايدۇ. چۈنكى شېڭ شىسەيگە قارشى چىقىش سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققانلىق بولاتتى.

شېڭ شىسەي مەخمۇت مۇھىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەدەممۇ قەدەم ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كوماندىرلارنى تەلىم-تەربىيە ئالدۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى خالىمىسىمۇ بۇ كىشىلەرنى ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 6-دىۋىزىيە ئىچىدىن ئۈرۈمچىگە سېتىلغۇچىلار كۆپلەپ چىقىشقا باشلاپ، قوشۇننىڭ ساپلىقى يوقىلىشقا، بىرلىكى پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىلىكرەكى 1-پولكنىڭ كوماندىرى ئابدۇسەمەت ھاجى بولۇپ، بۇرۇن دىۋىزىيە بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن قوماندانلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ كېيىن ئۆزگىرىپ مەخمۇت مۇھىتىغا سۇيىقەست پىلانلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئېتىشقا بۇيرۇغان ئادىمى ھاجەتخانىدا مەخمۇت مۇھىتىنى ئاتىدىغان ۋاقىتتا ئاتماي، بۇ سىرنى پاش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت مۇھىتى ئابدۇسەمەت ھاجىنى قولغا ئالىدۇ.

شېڭ شىسەي يەنە ئىككى ساتقۇننى مەخمۇت مۇھىتىنى ئېتىۋېتىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئەۋەتىپ، باشقا بىر مۇناپىق ئارقىلىق خوجىنىياز ھاجى نامىدىن مەخمۇت مۇھىتىغا: «ئىككى ۋەكىل ئەۋەتتىم، ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىڭ» دەپ تېلېفون قىلغۇزىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى زېرەك ئادەم بولغاچقا، تېلېفوندىكى ئاۋازنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپ، بىر قىسىم ئەسكىرىنى ئەۋەتىپ، ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئىككى سۇيىقەستچىنى نەق مەيداندا قولغا ئالىدۇ.

شېڭ شىسەي يەنە ئۆزىنى چوڭ دىنىي زات دەۋالغان ئابدۇغۇپۇر (شاپتۇل) داموللىنى[2] ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن سوۋغا سالاملار بىلەن قەشقەرگە قايتۇرىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر سورۇندا جامائەتكە سۆز قىلىپ: «ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھدىن پەيغەمبەرلىككە ۋەھىي كەلسە، شېڭ دۇبەن جانابلىرىغا كېلەتتى» دەيدۇ. مەخمۇت مۇھىتى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە ئابدۇغوپۇر داموللا كېچىدە تۈمەن دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا مەخپىي ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ.

شېڭ شىسەي مەخمۇت مۇھىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەممە چارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋاقىتتا، مەخمۇت مۇھىتى قول ئاستىدىكى ئىمىن ۋاھىدى، مۆمىن ئاخۇن ئىسىملىك ئىككى ئادىمىنى شېڭ شىسەي ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، يوشۇرۇن نەنجىڭدىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر نەنجىڭدا مىللەتچى خىتاينىڭ باشلىقى جياڭ جيېشى (1975-1887) بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقمايدۇ. مۆمىن ئاخۇن يوشۇرۇنچە قومۇلغا كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ جاسۇسلىرى ئۇنى قولغا ئالىدۇ. ئىمىن ۋاھىدى ئىلاجىسىز لەنجۇدا تۇرۇپ قالىدۇ.

1936-يىلى 9-ئايدا سوۋېتلىك ئاپروسوف دېگەن ئادەم قەشقەرگە كېلىپ، مەخمۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا:

-مېنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشۈشۈمنىڭ سەۋەبى سىز ھۆكۈمەتكە نارازى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇپسىز، پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئىككى ۋەكىل ئەۋەتىپسىز، ئۇ ئىككى ئادىمىڭىزنىڭ بىرى بىز تەرەپتىن قولغا ئېلىندى، سىز مۇنداق قىلماڭ، ئىتتىپاقلاشقىنىڭىز ياخشى،- دەيدۇ.

بۇ كۈنلەردە گەرچە ھەربىي قىسىمدىكى خائىن، ساتقىنلار كۆپلەپ ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ۋە سانىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن شېڭ شىسەي مەخمۇت مۇھىتىنى «3-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىشىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ رەسمىي ھالدا ئۆزىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى سېزىپ، گەرچە شېڭ شىسەيگە قارشى چىقىش ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى چىققانلىق بولسىمۇ، قەتئىي بىر قارارغا كېلىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يېقىن ئادەملىرىنى يىغىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ. دەل شۇ مەزگىلدە، 1936-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق جاسۇسى مەشۇر روزىيوف (مەنسۇر ئەپەندى)[3] خىزمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كېلىپ، مەخمۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ جەرياندا خوجىنىياز ھاجىنىڭ مەشۇر روزىيوفنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مەمەتنىياز ليەنجاڭ دېگەن ئادىمى خوجىنىياز ھاجىنىڭ بىر پارچە مەخپىي خېتىنى مەخمۇت مۇھىتىغا يوشۇرۇنچە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى مەشۇر روزىيوفنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسى كۆرۈپ قېلىپ مەشھۇر روزىيوفقا دەپ قويىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى بولسا بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيدۇ. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي مەخپىي مۇزاكىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەسلىھەتكە چاقىرىلغانلاردىن بىر مۇناپىقنىڭ قەشقەر گارنىزونى ليۇ بىڭغا ۋە سوۋېت ئەلچىسىگە مەلۇم قىلىپ قويغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت مۇھىتىنىڭ بۇ پىلانىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى شۇنىڭدىن كېيىن 2-قېتىم يەنە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلاۋاتقان شۇ پەيتتە بۇ غەلىتە ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

باي ئاخۇن ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ يېڭىشەھەر گارنىزون سىياسىي باشقارما باشلىقىنىڭ ئۆيىگە قانداق بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالىدۇ. مېھمانلارنى باشقارما باشلىقىنىڭ كاتىپى - تۈنۈگۈنكى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ھېلىقى پاكار خىتاي ئوچۇق چىراي قارشى ئالىدۇ. باي ئاخۇن مۇھاپىزەتچىسىنى سىرتتا قالدۇرۇپ، مەپىكەش ۋە پاكار خىتاي بىلەن قوبۇلخانىغا بىللە كىرىدۇ. پاكار خىتاي قوبۇلخانىدىكى تۈگمىلىرى ياندىن ئېتىلىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئېگىز بويلۇق، تاقىر باش خىتاينى كۆرسىتىپ:

- مانا بۇ كىشى باشقارما باشلىقى جانابلىرى بولىدۇ،-دەپ تونۇشتۇرىدۇ. باشقارما باشلىقى خىتاي باي ئاخۇن بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋە باي ئاخۇننىڭ تەرجىمانىنى ئىشارەت قىلىپ خېلىلا راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن:

- بۇلار چىقىپ كەتسۇن، بىز ئىككىمىز يالغۇز سۆزلىشىمىز، مەن ئۇيغۇرچە بىلىمەن،- دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ تەرجىمانلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گارنىزون سىياسىي باشقارما باشلىقى خىتاي باي ئاخۇنغا دېمەكچى بولغانلىرىنى دەيدۇ.

ئەسلىدە گارنىزون سىياسىي باشقارما باشلىقى خىتاي قەشقەر پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چۈجاڭ خىتاينىڭ ئايالىغا كۆيۈپ قالغانىكەن. گارنىزون سىياسىي باشقارما باشلىقى خىتاي باي ئاخۇنغا ئۆزىدە شېڭ شىسەينىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزى قول قويغان مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان بىر مەخپىي ھۆججەتنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر مەخمۇت مۇھىتى پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چۈجاڭ خىتاينى جازالاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ مەخپىي ھۆججەتنى مەخمۇت مۇھىتىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەخمۇت مۇھىتى ھېچ كۈتۈلمىگەندە ئۆز ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى مۇناپىقلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان شېڭ شىسەينىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆججىتىگە ئېرىشىدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى ھۆججەتنى ئېچىپ ئوقۇپ، يېزىلغانلارغا ئىشىنەلمەي قالىدۇ. ھۆججەتكە شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ، مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۆگىنىشكە بارغان بىر قىسىم مۇھىم ئادەملىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.

مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەخمۇت مۇھىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

داۋامى بار ...

 

ئالاقىدار يازمىلار:

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8747 

 


[1] ھەمدەمبەگ ھاجى: خېۋىر تۆمۈرنىڭ (1992-1922) «ھەمدەمبەگ ھاجى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا توقسۇلۇق دەپ يېزىلغان بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى ئىسلام ھاجى. ئۇ 1932-يىلى تۆمۈر ئېلى (1933-1886) بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ھەمدەمبەگ ھاجى ھەربىي ئىلىمدا قابىلىيىتى بار، ئەقىللىق ۋە ناھايىتى باتۇر بولغاچقا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان جەڭ داۋاملىق غەلىبە قىلغان. شۇڭا ئەسكەر ۋە خەلق ئىچىدە ئۇنىڭ ھەققىدە قوشاقلار بارلىققا كەلگەن: «قۇمۇلدىن چىقتى خوجام نىيزاجى، كۇچادىن چىقتى ھەمدەمبەگ ھاجى. ئۇرۇشقا كىرسە ھەمدەمبەگ ھاجى، قالمايدۇ ياۋنىڭ ھېچ بىر ئىلاجى». شېڭ شىسەي ھەمدەمبەگ ھاجى قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، بىر مەزگىل بىر قورۇغا سولاپ قويغان. 1938-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 1-تۈركۈمدىكى قىرغىندا ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

[2] ئابدۇغوپۇر (شاپتۇل) داموللا: 1865-يىلى پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدا تۇغۇلغان. دىنىي ئالىم. ئۆز يېزىسى، پەيزىۋات ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1903-يىلى ئائىلىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە كېپەك بازىرى مەسچىتىگە ئىمام بولغان. ھەج قىلغان. 1920-يىلى ئۆمەر باي ئاخۇنبايوف مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كاتتا يىغىلىشتا ئابدۇغۇپۇر (شاپتۇل) ئۆمەر بايغا ئاتاپ يېزىپ كەلگەن تەبرىك سۆزىنى مېھمانلار ئالدىدا ئۆزى ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى چىققان. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەن ئۇنى مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن. ئۇ بىر ئۆمۈر شېڭ شىسەينى ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش «ئالتە بۈيۈك سىياسىتى»نى تەشۋىق قىلغان. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن شېڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۈچۈن 400 مىڭ سەر ئۆلكە پۇلى ئاجراتقان، ئۇنىڭ قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى كىتابچە قىلىپ، 5000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان.

[3] مەشۇر روزىيوف (مەنسۇر ئەپەندى): مەخمۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانى توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر زېمىنىدا» ناملىق كىتابىدا: «بىز كۆرۈشۈۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ (مەخمۇت مۇھىتىنىڭ) مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىرىگە ۋەكىل مەمەتنىياز ليەنجاڭنىڭ (خوجىنىياز ھاجىنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئادىمى) بىر لىپاپىنى يوشۇرۇن تاپشۇرغانلىقىنى مۇھاپىزەتچىم قۇلىقىمغا شىۋىرلىدى» دەپ يازغان. بۇ ۋەقە راست بولسا، شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش باشلاش پىلانىنى مەخمۇت مۇھىتى بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىرلىكتە پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ پىلان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسى مەشۇر روزىيوف تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىپ، قەشقەر گارنىزونىنىڭ گېنېرالى ليۇ بىڭ ۋە سوۋېت ئەلچىسىگە مەلۇم قىلىپ قويۇشى بىلەن ئاشكارىلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ خەۋەر 1169 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2024 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق