شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق-2024» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ساھەسىدە تۇنجى قېتىم بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئەسكەر ۋە ساقچى قىسىملىرى قاتناشقان بىرلەشمە مانېۋىر ئىكەن.

خەۋەردە بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، مانېۋىردا ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنى تازىلاش تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ھەرىكىتى» قاتارلىق تۈرلەر بېكىتىلگەنلىكى، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، رېئال جەڭ تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىباتلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتى قاتارلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مانېۋىرنى كۆزەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر تەشكىللەش تەرتىپ كېلىشىمى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت تەشكىللەش تەرتىپ كېلىشىمى» قاتارلىق قانۇنىي ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەسكەر، ساقچىلارنى ئەۋەتىپ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتەك يېڭى ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 15-ئىيۇن شاڭخەيدە قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون رەسمىي ئەزا دۆلىتى، ئىككى كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋە 14 سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم نىشانى دەپ جار سېلىنغان. بۇ تەشكىلات كېيىنچە ھىندىستان ۋە پاكىستاننى قوشۇۋالغان. ئىران بۇ تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن 2022-يىلى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە ئىمزا قويغان.

نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەدرىجىي ھالدا سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى بولۇپ كېڭەيمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئەزا دۆلەتلەر جايلاشقان رايونلاردا غەربنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2840 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2024 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق