بۇ يىل شەرقىي تۈركىستانغا 100 مىڭغا يېقىن خىتاي ئاققۇنلىرى كۆچۈرۈلگەن

خىتاي ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى»، «ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور مىقداردا خىتاي ئاققۇنلىرىنى داۋاملىق كۆچۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 43 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالمىش «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» ئارقا-ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە قاراپ يولغا چىققان. خەۋەردە ئۇلارنىڭ يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاتالمىش «ساغلام يېزا-كەنت» بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «2024-يىللىق غەربىي رايون پىلانى» بويىچە ئىش ئورنىدىكى ئاققۇنلار 83 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، %90 تىن ئارتۇق مۇلازىمەت ئىش ئورنى يېزا-بازار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورۇنلارنى قاپلىغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» 2003-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 540 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 2000 دىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) گە تەقسىم قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدە، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاققۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار يەر-زېمىن، خىزمەت، ھۈنەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن زور مىقداردىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل، جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئادىتىگە قارىغاندا، ھەقىقىي ساننىڭ خىتاي رەسمىي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2667 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق