ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنى قوللىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى قوللىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالتە شەخس ۋە بەش خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەرنى شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپچاسلارغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپلىگەن قارارلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە مالىيە ئىستىخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى بىرايىن نېلسون بۇ ھەقتە: «شىمالىي كورىيە ب د ت نىڭ جازا قارارلىرىنى بۇزۇپ، داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقاردى. پىيوڭياڭنىڭ بۇ قىلمىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا مەۋجۇت تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ خەلقئارالىق جازانى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ بومبا ياساشتا قوللىنىدىغان مۇھىم زاپچاسلارنى قانۇنسىز تەمىنلەش تورىنى بۇزۇش ئارقىلىق خەلقئارالىق جازا يۈرگۈزىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە كەڭ كۆلەملىك چەت ئەللىك ۋاسىتىچىلار تورى قۇرۇپ، تاشقى ئىشلار، سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپچاسلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان خىتايلار شىمالىي كورىيەگە بومبا ياساشقا كېرەكلىك مېتال تاختايلارنى تەمىنلىشىگە ياردەم قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇلار ئامېرىكىدىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئامېرىكىدىكى ھەرقانداق شەخس ياكى شىركەتنىڭ جازا يۈرگۈزۈلگەن مەزكۇر شىركەت ياكى شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2024 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق